28-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا تورى مەخسۇس سىنلىق خەۋەر ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيە» لىرىگە مەدھىيە ئوقۇغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىدا ئالاھىدە ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇن تۇتىدۇ. پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش سېكرىتار شى جىنپىڭ شىنجاڭدا چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئۇ مەركەزنىڭ ئىككى قېتىملىق ‹شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى› دا مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئومۇمىي جەھەتتىن پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى بەلگىلەندى.»
خەۋەردە يەنە شى جىڭپىڭنىڭ 2014-يىلى 4-ئايدىكى «شىنجاڭ زىيارىتى» مەزگىلىدە، قەشقەردە «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا بىڭتۇەننىڭ ئىستىراتېگىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش» توغرىلىق مەخسۇس يوليورۇق بەرگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
خەۋەردە شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى 4-ئايدا قەشقەرنى زىيارەت قىلغاندا، بىڭتۇەننىڭ رولى ھەققىدە بەرگەن يېڭى تەبىرى ئالاھىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن. شى جىنپىڭ شۇ قېتىم قەشقەردە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا: «بىڭتۇەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى قورال، مىللەتلەرنى يۇغۇرۇپ ئېرىتىۋېتىشتىكى چوڭ پېچ (ئوچاق)» دېگەن.
چەت ئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەر، شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەن ھەققىدە بەرگەن يېڭى تەبىرى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە ئىلمى مۇتەخەسىسى، «ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەن توغرىلىق ئېيتقان يوقۇرىقى سۆزلىرىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەن توغرىسىدا بەرگەن بۇ تەبىرى ھەقىقەتەنمۇ بىڭتۇەننىڭ ماھىيىتى ۋە ئىچ يۈزىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن. ئەركىن ئەكرەمنىڭ تەكىتلىشىچە، بىڭتۇەن قۇرۇلغان يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، يېرىم ھەربىي خاراكتېردىكى بۇ غەيرىي-رەسمىي ئورگان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىشىدىكى «مۇقىملىق ساقلاش قۇرالى»، شۇنداقلا رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنى ئېرىتىپ تۈگىتىدىغان «چوڭ پېچ»، يەنى «ئوچاق» رولىنى ئويناپ كەلمەكتىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە بىڭتۇەننىڭ «مۇقىملىق ساقلاش» ۋەزىپىلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان يوقۇرى بېسىملىق زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلماقتا. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان بىڭتۇەن ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلدى. بىڭتۇەن قارىمىقىدىكى زاۋۇتلار ۋە كارخانىلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارغا ئىمبارگو قويدى. مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى بولغان شى جىڭپىڭنىڭ بىڭتۇەن توغرىسىدىكى تەبىرلىرىنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلۈشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىشى، شۇنداقلا بىڭتۇەنگە بولغان جازا تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەن.
خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاتالمىش «مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتى»، بىر قىسىم ئۇيغۇر دېھقانلىرى ۋە كادىرلىرىنىڭ بايانلىرىدىن تەشۋىق قىلىنغان، ئۇلارنىڭ شى جىنپىڭغا ئوقۇغان مەدھىيە سۆزلىرى كىرىشتۈرۈلگەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەخسۇس سىنلىق خەۋەردە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ۋەكىللىرى» نى سۆزلىتىشى ئەمەلىيەتتە سىياسىي ئېھتىياجدىن بولغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.