ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدىكى ئىپادىلىرى ئىنكاس قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.10.19
ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدىكى ئىپادىلىرى ئىنكاس قوزغىماقتا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» ئايروپىلاندىن چۈشمەكتە. 2022-يىلى 13-ئۆكتەبىر.
gettyimages

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ زور كۆپ قىسمىنى خىتايلار تەشكىل قىلغان. ئۇلارنىڭ قۇرۇلتاي جەريانىدا شى جىنپىڭنىڭ ‹جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش› چاقىرىقى ۋە ئۇنىڭ 10 يىللىق مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇپ ئېيتقان سۆزلىرى، چەت ئەللەردىكى ئانالىزچىلارنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىماقتا.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 17-18-ئۆكتەبىر كۈنلىرىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى مۇزاكىرە يىغىنى» دا ئىپادە بىلدۈرگەن ۋەكىللەر، شى جىنپىڭنىڭ «گۇاڭشى ۋەكىللىرى گۇرۇپپا يىغىنى» دا قىلغان سۆزلىرىنى ئۆگەنگەن. ئاندىن بىرمۇ-بىر ئىپادە بىلدۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ 10 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى مەدھىيەلىگەن، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان چەكسىز ساداقىتىنى ئىپادىلىگەن.

20-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىدىن قەشقەر پاختەخلى يېزىسىنىڭ لى فامىلىلىك پارتكوم سېكرىتارى ئۆز ساداقىتىنى ئىپادىلەپ: «بىز باش سېكرىتار شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، يېڭى تەرەقىيات ئىستراتېگىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، چېگرا رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ يۇقۇرى سۈپەتلىك تەرەقىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز» دېگەن.

كۈنەس ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى لى ۋېيخۇۋا شى جىنپىڭنىڭ 10 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى مەدھىيەلىگەن. ئۇ سۆزىدە «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ‹10 يىلدا بىر شەمشەر بىلەش› سىياسىتى ئارقىلىق، كومپارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ۋە ئەتراپلىق تىزگىنلەپ كەلدى» دېگەن. ئۇ يەنە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹مىڭلىغان ئادەملەرنى رەنجىتكىنى بىلەن، 1 مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش› قا كاپالەتلىك قىلدى، پارىخورلۇق-چىرىكلىككە زەربە بېرىش كۈرىشىدە تارىخىي سەھىپە ياراتتى. ئۆز ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشنىڭ ‹بىرلەشمە مۇشتى› ۋە كۈچىنى نامايەن قىلدى» دېگەن.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ ۋېي، «شى جىنپىڭنىڭ ‹جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى› يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇمىز»، «پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز، مىللەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىتتىپاقلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز، ‹خىتايچە قەلب› ۋە ‹خىتايچە روھ› تۇرغۇزىمىز» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

تۈركىيەدىكى خىتاي ۋەزىيىتى مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20-قۇرۇلتايدا شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن ئاتالمىش «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» ۋە «جوڭخۇانى گۈللەندۈرۈش» شۇئارلىرى، ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ تەرىپىدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «خىتاي چۈشى» نىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى ئىكەن. يەنى ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن بېزىلىشى ئىكەن.

ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20-قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىلمۇ-خىل تاسقاشلاردىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋە تاللانغان كىشىلەر ئىكەن. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن. ئۇلارنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە شى جىنپىڭغا ساداقەت بىلدۈرۈشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قوللاپ ئىپادە بىلدۈرۈشى مۇقەررەر ئىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي جەريانىدا شى جىنپىڭنىڭ «گۇاڭشى ۋەكىللىرى گۇرۇپپا يىغىنى» غا قاتناشقانلىقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىر تەرەپتىن، شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدا قىلغان زىيارىتى مەزگىلىدە رايوندىكى ئەمەلدارلارنىڭ ۋەدىسىنى ئالغانلىقى، ئەمما مىللەتلەر مەسىلىسىدىكى يەنە بىر ئەنسىرەش نۇقتىسى بولغان گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونۇم رايونىدىن خاتىرجەم بولۇشنى كۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغان بۈگۈنكى كۈندە، شى جىنپىڭ دىققەت قوزغىماسلىق ئۈچۈن، بۇ قېتىم گۇاڭشى ۋەكىللىرىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرەسىگە مۇزاكىرىسىگە قاتاناشقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، شى جىنپىڭ داۋاملىق ھاكىمىيەت تۇتۇدىغان كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا ئاسسىمىلاتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يەنىلا داۋام قىلىدىكەن.

كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان 10 يىل خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ئەۋجىگە چىققان 10 يىل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتايدا ئەركىنلىك ۋە ئىنسانلىق يوقىتىلغان 10 يىل ئىكەن.

شېڭ شۆ خانىم مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۆتكەن 10 يىلدا كۆرگىنىمىز، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنتايىن ئەسەبىيلەشكەن ئىدېئولوگىيە سىستېمىسىدۇر. يەنى خىتايدىكى خىتاي بولمىغان بارلىق خەلقلەرنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتىدۇر. شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئۆتكەن 10 يىلدا، ئۇ ئۆزى توغرا دېگەن نەزەرىيەلەرنى بازارغا سالدى. ئەگەر ئۇ داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە، بۇ خىل ئەسەبىي ئىدېئولوگىيە يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى ‹ئىنسانلىقنى ئۆچۈرۈش› دەپ تەرىپلىسەك تامامەن بولىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، شۇنداقلا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دېيىشكە بولىدۇ.»

شېڭ شۆ خانىم، 20-قۇرۇلتايدا ئىپادە بىلدۈرگەن ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىلى» نىڭ خىتاي كومپارتىيەسى «مىڭلىغان كىشىلەرنى رەنجىتىش بەدىلىگە بىر مىليارد 400 مىليون خىتاي خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىدى» دېگەن سۆزلىرىگە قارىتا ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلار قانداقتۇر ‹بىر مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش› دېگەنلەرنى بىلجىرلاپتۇ. بۇ يەردە نەدىمۇ بىر مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ مەنپەئەتى بولسۇن! ؟ بۇ يەردە مەنپەئەتدار بولۇۋاتقىنى پەقەتلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىدىكى ئاز ساندىكى ئەمەلدارلار گۇرۇھىدۇر. ئۇلار ھازىرقى سىياسەتتىن مەنپەئەت ئالىدۇ، ئەمما خىتايدىكى ئاۋام پۇقرالار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ بىر چوڭ يالغانچىلىق. بۇ يەردە نەچچە يۈزمىڭلىغان، ھەتتا مىليونلىغان خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش، ئۇلارنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقى، مەۋجۇتلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش دېگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، بىز ياشاۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە ئىنسانىيەتنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈش ئەڭ ئەقەللىي قاراشتۇر. شى جىنپىڭنىڭ مەقسىتى ئېنىق بولۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ بارلىق مىللىي ئالاھىدىلىكنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسى بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر توپلۇقنى بەرپا قىلىشتۇر.»

شېڭ شۆ خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا قوللانغان لاگېرلارغا قاماش مودېلىنى پۈتكۈل خىتايغا كېڭەيمەكتىكەن. ئۇ، نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قامالنىڭ پۈتۈن خىتاي مىقياسىغا كېڭېيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.