«قانۇنسىز» دىنىي زاتنى ماشىنىسىدا ئېلىپ ماڭغان تاكسى شوپۇرى 16 يىل 8 ئايلىق كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.04.10
Shireli-memtili-perzentliri.jpg شىرئەلى مەمتىلى(ئوتتۇرىدا) ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Oqurmen teminligen

ئىنكاس قىلىنىشىچە، غۇلجا شەھەر خەنبىڭ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق تاكسى شوپۇرى شىرئەلى مەمەتئېلى 2018-يىلى 11-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 6 ئايدىن كېيىن 16 يىل 8 ئايلىق كېسىۋېتىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن شىرئەلى مەمەتئېلىنىڭ مەلۇم بىر ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي زاتنى ماشىنىسىدا ئېلىپ ماڭغانلىقى ۋە ئۆزىمۇ بۇ زاتتىن دىنىي تەلىم ئالغانلىقى ئۈچۈن 16 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتە شىخۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى.

غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، غۇلجا شەھىرىنىڭ خەنبىڭ يېزىسىدا تاكسىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان شىرئەلى مەمەتئېلى 2018-يىلى 11-ئايدا غۇلجا شەھەر ئىچىدە تاكسى ھەيدەۋاتقان مەزگىلىدە، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن؛ ئائىلە ئەزالىرى ئۇنىڭ قايسى قاماقخانىدا ياكى تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرىدىن ئۇنىڭ 16 يىل8 ئايلىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئېغىزاكى ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان. خادىملار، بۇ ئۇقتۇرۇشنى يەتكۈزۈش داۋامىدا، ئۇنىڭ قانۇنسىز دىنىي تەلىم ئالغانلىقى ۋە قانۇنسىز توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغان ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى يەتكۈزگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خەنبىڭ ساقچىخانا خادىمى، ئۆز تەۋەلىكىدە 16 يىل 8 ئايلىق كېسىۋېتىلگەن شىرئەلى مەمەتئېلى ئىسىملىك بىر كىشى بارلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

خەنبىڭ يېزىسىدىكى ئاھالىلەردىن بىرى كەنت كادىرلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، شىرئەلى مەمەتئېلى دائىرىلەر قانۇنسىز دىنىي زات دەپ تۇتقۇن قىلغان بىر دىنىي زاتنى ئىلگىرى بىر قېتىم تاكسىسىدا ئېلىپ ماڭغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ تەكشۈرۈلگەن ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۇنىڭ بەش يىل ئاۋۋال بىر قېتىم تەبلىغگە قاتناشقانلىقى مەلۇم بولغان؛ دائىرىلەر يۇقىرىقى ھەر ئىككى ئىشنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈش دەپ قارىغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا شەھەر ج خ ئىدارىسى قوماندانلىق مەركىزى، مەھبۇس شىرئەلى مەمەتئېلىنىڭ كېسىلىش سەۋەبى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، 4 ۋە 6 ياشلىق ئىككى بالىنىڭ ئاتىسى بولغان شىرئەلى مەمەتئېلىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ 6 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلىشى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ئېغىر پاراكەندىچىلىك پەيدا بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، شىرئەلى ئۈستىدىن مەخپىي بولسىمۇ بىر سوتنىڭ ئېچىلغان-ئېچىلمىغانلىقىدىن خەۋىرى بولمىغان مەزكۇر ئائىلە تا ھازىرغىچە شىرئەلى مەمەتئېلىنىڭ قايسى تۈرمە ياكى ياكى جازا لاگېرىدا جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىدىنمۇ خەۋەر تاپالمىغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجادىكى مەلۇم بىر ئەدلىيە ئارخىپ ئىدارىسى خادىمى، شىرئەلى مەمەتئېلىنىڭ 16 يىل 8 ئايلىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ نۆۋەتتە شىخۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، مەھبۇس شىرئەلى مەمەتئېلىنىڭ ئارخىپىدا، ئۇنىڭ قانۇنسىز دىنىي تەلىم ئالغانلىقى يېزىلغان؛ بىز بۇ خادىمدىن، شىرئەلى مەمەتئېلىنىڭ تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولغان ئۇ تاكسىسىدا ئېلىپ ماڭغان ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي زاتنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، سۆھبىتىمىزگە ئارىلاشقان بۆلۈم باشلىقى، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، شىرئەلى مەمەتئېلىنىڭ 49 ياشلىق ئانىسى ئايگۈل تۇراخۇنمۇ ئۆتكەن يىلى 10 يىللىق كېسىلگەن؛ دادىسى مەمەتئېلى ئابدۇرېشىت لاگېردا بىر يىل 4 ئاي ياتقاندىن كېيىن بۇ يىلنىڭ بېشىدا قويۇپ بېرىلگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.