شىۋېتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا «ئەخلاق مۇنبىرى» دە ئۇيغۇر مەسىلىسى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلغان

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.09.03
dunya-exlaq-munbiri-02 رىزۋانئاي ئىلھام يىغىن ئاخىرىدا بۇ مۇنبەرنى تەشكىللىگۈچى گراف لېنارد ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن. 2024-يىلى 1-سېنتەبىر، شىۋېتسارىيە
RFA/Hebibulla izchi

ھەر يىلى شىۋېتسارىيەنىڭ گراۋبۈندەن كانتونىدا قەرەللىك ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا «ئەخلاق مۇنبىرى» نىڭ بۇ يىللىق يىغىنىدا، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئاساسلىق تېمىلارنىڭ بىرى بولغانلىقى مەلۇم.

دۇنيا «ئەخلاق مۇنبىرى»دە ھەر قايسى ساھەلەر، مەدەنىيەتلەر ئارا زامانىۋى ئەخلاقنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئەمەلگە ئېشىش جەريانى تونۇشتۇرۇلىدىكەن. ئۇنىڭدا سەمىمىيلىك، ئوچۇق ئاشكارىلىق، ئۆزئارا قوللاش ئارقىلىق ئىنسانىيەت دۇنياسىنى قانداق قىلغاندا ئەخلاق بىلەن تەرەققىي قىلدۇرالايمىز دېگەن تېما ئۈستىدە ئىزدىنىش مەقسەت قىلىنىدىكەن. بۇ مۇنبەرگە دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن كەلگەن «ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر» نامى بېرىلگەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلار قاتناشقان.

يىغىن ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشتا تىبەتكە ئەركىنلىك! ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! خېتى بېسىلغان مايكا كىيگەن يىغىن قاتناشچىلىرى. 2024-يىلى 1-سېنتەبىر، شىۋېتسارىيە
يىغىن ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشتا تىبەتكە ئەركىنلىك! ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! خېتى بېسىلغان مايكا كىيگەن يىغىن قاتناشچىلىرى. 2024-يىلى 1-سېنتەبىر، شىۋېتسارىيە
RFA/Hebibulla izchi

بۇ يىلقى «ئەخلاق مۇنبىرى» گە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھاممۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ئۇ، رادىيومىز ئارقىلىق بۇ مۇنبەر ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن  ئورتاقلاشتى. رىزۋانئاي مۇنداق دېدى: «رەڭدار پىروگرامما، ئورتاق غايە، ھەر خىل ئۆگىنىشلەر ۋە سۆھبەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ مۇنبەردە مەن ھەر قايسى قىتئەلەردىن كەلگەن ئىنسانلارغا ئۆزىمىزنى ۋە خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم». 

رىزۋانئاينىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ مۇنبەرنىڭ ئۈچىنچى كۈنى مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاجرىتىلغان. رىزۋانئاي شۇ كۈنى پۈتۈن مۇنبەر ئەھلىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، ئۆتمۈشى، كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىدىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كەلگەن تىراگېدىيەلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ شىۋېتسارىيە كېلىش جەريانى، سىياسىي پاناھلىق تىلەشتىن ھازىرغىچە بولغان جەريانلارنى سۆزلەپ ئۆتۈش ئارقىلىق، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ۋەتىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان قىسمەتلەرنى يورۇتۇپ بەرگەن.

دۇنيا ئەخلاق مۇنبىرى يىغىننىڭ قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئەخلاقلىق دۇنيا قۇرۇپ چىقالايمىز دېگەن تېمىدىكى گۇرۇپپا مۇنازىرىسى. 30-ئاۋغۇست، شىۋېتسارىيە
دۇنيا ئەخلاق مۇنبىرى يىغىننىڭ قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئەخلاقلىق دۇنيا قۇرۇپ چىقالايمىز دېگەن تېمىدىكى گۇرۇپپا مۇنازىرىسى. 30-ئاۋغۇست، شىۋېتسارىيە
RFA/Hebibulla izchi

مۇنبەر پائالىيىتى جەريانىدا كىشىلەر «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! تىبەتلەرگە ئەركىنلىك!» دېگەن خەتلەر بېسىلغان مايكىلارنى كىيىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. بۇ مۇنبەرگە قاتناشقان بەزى تەتقىقاتچىلار ۋە مۇخبىرلار، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بۇرۇندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۈگۈن بۇ يەردە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاغزىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى پاجىئەلەرنى ئاڭلاشنىڭ ئۆزلىرىنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىپ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.