ئانالىزچىلار شۆھرەت زاكىرنىڭ «بىناكارلىق ساھەسىدە تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.06.10
shohret-zakir-lager-toghrisida.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلار ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2019-يىلى 9-دېكابىر، بېيجىڭ.
AP

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 10-ئىيۇندىكى سانىدا 8-ئىيۇن كۈنى ئېچىلغان «بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى سۆھرەت زاكىرنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ساھەسىدە تېخنىكىلىق ئىش تۈرلىرىدە ئۈچ يىلدا 200 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك دوكلاتى بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

خەۋەردە شۆھرەت زاكىرنىڭ «پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ساھەسىدە تېخنىكىلىق ئىش تۈرى بويىچە ئۈچ يىلدا 200 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» نى تەكىتلىگەنلىكى، «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى تەربىيىلەشنى تېزلىتىپ، ئۇلارنى «دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندۇرۇش» نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئىشلەۋاتقانلار ئىشقا ئورۇنلاشقان نوپۇسنىڭ 10 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ساھەسىدە تېخنىكىلىق ئىش تۈرى بويىچە تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا نوپۇسىنىڭ شەھەر-بازارلارغا يۆتكىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ. بۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق بولۇپ، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى مۇقىم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ.»

شۆھرەت زاكىرنىڭ بۇ سۆزى چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆھرەت زاكىر تىلغا ئالغان «تەربىيەلىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغان 200 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدىغانلىقى» نى، ئۇلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ ئەسلىدىكى يەرلىرىدىن ئايرىلغان، يەرلىرى خىتاي كۆچمەنلىرىگە بۆلۈپ بېرىلگەن ۋە ئۆزلىرى يەرسىز، ئىشسىز قالغان يېزىلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

گوللاندىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچى ۋە ئانالىزچى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق يوقىتىش نىشانىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم خىتاي دائىرىلىرى تىلغا ئالغان ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نىڭ ئەسلى مەنبەسىنىڭ 2017-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان «قايتا تەربىيىلەش» نامىدا لاگېرلارغا سولانغان 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان «زامانىۋى قۇللارغا ئايلاندۇرۇلغان ئۇيغۇرلار» دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېگەن: «بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلار ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتقانلىقتىن بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ تېخنىكىلىق ئىشچىلارغا بولغان ئېھتىياجى زورايدى. بولۇپمۇ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يېڭى ۋەزىيىتىدە ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قوش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى «قايتا تەربىيىلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا تارقاقلاشتۇرۇپ، رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغاندەك مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە خىتايلاشتۇرۇش نىشانىغا يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاسىيە خانىم سۆھرەت زاكىر تەكىتلەۋاتقان «3 يىلدا 200 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى تەربىيىلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پىلانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالغۇش ئېغىر بولۇۋاتقان ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلاردىن يىراقلاشتۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.