جىددە ئايرودرومىدىن مىسىرغا قايتۇرۇۋېتىلگەن سىدىقۇللانىڭ ئىز-دېرىكى يوق

0:00 / 0:00

24-ئۆكتەبىر رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇنداق بىر ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدۇق.

ئۆزىنى سىدىقۇللا نۇرمەمەتنىڭ تۈركىيەدىكى دوستى مۇھەممەت دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، مىسىردا ئوقۇۋاتقان سىدىقۇللا نۇرمۇھەممەت 23-ئۆكتەبىر تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن سائەت 00:50تە مىسىرنىڭ قاھىرە ئايرودرومىدىن جىددەگە قاراپ يولغا چىقىپ جىددە شەھىرىگە يىتىپ بارغان، لېكىن جىددە ئايرودروم ساقچىلىرى ئۇنىڭ پاسپورتىدىن گۇمانلىنىپ شۇ كۈنى ئۇنى 9:50 نىڭ ئايروپىلانىغا سېلىپ مىسىرغا قايتۇرۇۋەتكەن. مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىگە سائەت 11:20 دە چۈشكەن سىدىققۇللا دوستىغا ئۇچۇر يوللاپ ئۆزىنىڭ قاھىرە ئايرودرومىغا كېلىپ بولغانلىقىنى دېگەن. ئاخىرقى ئۇچۇرىدا ئۇ يەنە، مىسىر چېگرا خادىملىرىنىڭ ئۇنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان ۋە سائەت 12دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. مۇھەممەت دوستى سىدىقۇللانىڭ تېلېفوننى چېگرا ساقچىلىرى ئېلىۋالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلماقتا ئىكەن.

رادىيومىزغا يەتكۈزۈلگەن پاكىتلىق ئۇچۇرلار ئىچىدە سىدىققۇللانىڭ قولىدا خىتاي پاسپورتنىڭ كوپىيەسىدىن باشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىغا تىزىمغا ئالدۇرغان كىنىشكىسىنىڭ كوپىيەسىمۇ بار. سىدىقۇللانىڭ دوستى مۇھەممەتنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇ 2016-يىلى سىدىقۇللا بىلەن ئەل ئەزھەردە ئوقۇش ئۈچۈن مىسىرغا كەلگەن. ئەمما كەلگەندىن كېيىن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنماي، قوشۇمچە كۇرسلاردا ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام دىنى بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن.

2017-يىلى، مىسىر دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇشقا باشلىغاندا، مۇھەممەت تۈركىيەگە كېلىۋالغان، ئەمما سوئىدىققۇللا شۇ چاغدىمۇ تۈركىيە چېگراسىدىن كىرگۈزۈلمەي مىسىرغا قايتىپ يوشۇرۇنۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. سىدىقۇللا مىسىردا خاتىرجەم تۇرۇش ئېھتىماللىقى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەمدە ئىقتىسادى جەھەتتىمۇ قىيىنچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، سەئۇدىدىكى بىر تۇغقان نىسىنىڭ يېنىغا كېتىش ئۈچۈن سەپەرگە چىققان ئىكەن. دوستىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەپ قالغان مۇھەممەت خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئاخباتلار ھەمدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن جىددىي ياردەم سوراشنى قارار قىلغان.

ئىككى كۈندىن بۇيان سىدىقۇللانىڭ دوستلىرى ۋە تۇغقانلىرى ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن مىسىردىن بىر ئادۋوكات تۇتقان، ئادۋوكاتنىڭ ئۇلارغا ئېيتىشىچە، ئۇ گەرچە قاھىرە ئايرودرومىغا بارغان بولسىمۇ سىدىقۇللا بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەن. ئەمما ئۇنىڭ خەۋەر تېپىشىچە قاھىرە دائىرىلىرى سىدىقۇللانىڭ سەئۇدىدىن قايتۇرۇۋېلىشنىڭ سەۋەبنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن تۇتۇپ قالغانمىش.

سىدىقۇللا نۇرمەمەتنى جىددە ئايرودرومىدا كۈتۈۋالماقچى بولغان نەۋرە ئىنىسى ئابدۇسالامنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، سىدىقۇللا نۇرمەمەت 24-ئۆكتەبىر نەۋرە ئىنىسىغا جىددە ئايرودرومىدىن ئۇچۇر يوللاپ، جىددە ئايرودرومىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئېلېكترونلۇق ۋىزا ھەققىنى نەق پۇل بىلەن ئەمەس بانكا كارتىسى بىلەن تۆلىشى شەرت دەپ توسۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. نەۋرە ئىنىسى ئابدۇسالام ئۆزىنىڭ كارتىسى بىلەن تۆلەش ئۈچۈن تاموژنىغا كىرگەن بولسىمۇ ئەمما تاموژنا ۋە چېگرا خادىملىرى سىدىقۇللانى ئىلگىرى بىر قېتىم سەئۇدى چېگراسىدىن باشقا پاسپورت ئىشلىتىپ كىرگەن تارىخى بار دەپ گۇمانلىنىپ ئېلىپ قالغان.

ئەمما ئابدۇسالام، جىددە ئايرودرومى خادىملىرىنىڭ يولسىزلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «بۇ، سىدىقۇللانىڭ تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىشى، ئۇلارنىڭ گۇمانى پۈتۈنلەي ئاساسسىز» دەيدۇ.

قاھىرە تاموژنا ۋە ئايرودروم ساقچىخانىلىرىنىڭ تېلېفونى ئېلىنمىدى، جىددە ئايرودروم كۆچمەنلەر ئىشخانىسىغا تېلېفون ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما يىللىق خەلقئارالىق مېھمان كۈتۈش سەۋىيەسى 4 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىغان بۇ خەلقئارالىق ئايرودرومدا ئىنگلىزچە بىلىدىغان خادىمنىڭ چىقماسلىقى سەۋەبلىك سوئاللىرىمىز يەنىلا جاۋابسىز قالدى.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا جىددەدىن مىسىرغا قايتۇرۇلغان سىدىقۇللانىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىدىن كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ خەۋەر تاپقان.