شىۋىتسارىيەدە ياشاۋاتقان تونۇلغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن ئابدۇكېرىم شېرىپ ئەپەندى، بىر ھەپتىدىن بېرى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولماقتا. كېرەم شېرىپ ئەپەندى، 1989-يىلى خىزمەتدىشى ئەنىۋەر راخمان ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ پاكىستان ئەلچىخانىسىدىكى دىپلوماتلىق خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستان ئازادلىق كۈرىشى سېپىگە قېتىلغان. ئۇ بۈگۈن رادىئومىزنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا، خىتاي ئەلچىخانىسىدىن قانداق ئايرىلغانلىقى، بۇنداق چوڭ بىر قارارغا نېمە ئىشنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە ئىمىنجان ئىسىملىك بىر كىشى ئەينى ۋاقىتتا پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىزىملىكىنى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرغان، ئابدۇكېرىم شېرىپ بىلەن ئەنىۋەر راخمان بۇ مەخپىي ماتېرىيالنى يوشۇرۇپ قېلىش بىلەن بىرلىكتە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆزلىرىنى مۇداپىئە قىلىشقا دەۋەت قىلغان. مانا بۇ ئىشنىڭ تەرەققىياتى ئۇلارنىڭ ئەلچىخانىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان.