خىتاي تاراتقۇلىرىدا دېيىلىشىچە، 7-مارت چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىندا ئۆزلىرىنىڭ بەزى بىر پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 10-مارت، بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سېرك ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك دارۋاز ماھىرى ئادىل ھوشۇر بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
سۆھبىتىمىزدە دارۋاز ئادىل ھوشۇر، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا سېرك مەيدانى قۇرۇپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنغان بەزى بىر تەلەپلىرىنىڭ ئورۇنلانغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، شۇنداقلا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىراق، بۇ ھەقتە توختالغان ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە پەنلىرى تەتقىقاتچىسى مۇختەرجان ئابدۇراخمان، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە تەلەپلەرنىڭ ئاساسەن ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنداقلا تەتقىقاتچى مۇختەرجان ئابدۇراخمان خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا دېيىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ ھەقىقىي ماھىيەتتىكى گۈللىنىش ۋە ئىناقلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۆۋەندە دىققىتىڭلار، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دارۋاز ئادىل ھوشۇر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.