ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پاسپورت چەكلىمىلىرىنى تەنقىدلىگەن ئاتىكەم روزى ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىندى

ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پاسپورت بېجىرىشىگە قارىتا يولغا قويۇلغان تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى مىكرو بلوگىدا ئاشكارىلاپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئاتىكەم روزى 5-فېۋرال كۈنى ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدىكى ئۆيىدىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئەكىتىلىپ سوراق قىلىندى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.02.05

ئاتىكەم روزىنىڭ تۈركىيىدىكى دوستىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە يۇرتىغا قايتىپ دەم ئېلىۋاتقان ئاتىكەم روزىنى 5-فېۋرال شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11:30 دا توقسۇ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدىن ئادەم كېلىپ ئۆيىدىن ئېلىپ كەتكەن. ئاتىكەم روزى دوستىغا ئۆزىنىڭ 6 سائەت سوراق قىلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما سوراقنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان. تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن توقسۇ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى يولغا قويغان تۈرلۈك چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشى ئۈزلۈكسىز توسالغۇلارغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئاتىكەم روزى بېيجىڭدا پاسپورت بېجىرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر توقسۇ ناھىيىسىدىكى يەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاتىكەم روزىغا پاسپورت بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئاتىكەم روزى بۇ ۋەقەنى ئاۋۋال مىكرو بلوگىدا، كېيىن چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلاپ، نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.