توققۇزتارادىكى ساقچى خادىملىرى: «ئۆيىمىزگە چاغانلىق پانۇس ئاستۇق، جۇۋاۋىغا ئېغىز تەگدۇق»
2018.02.16
ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن بىر قازاق كىشى ئۆزىنىڭ زىيارەت تەسىراتىغا ئاساسەن رايوندا ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقى، غۇلجىدىكى قازاق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ چاغانلىق پانۇس ئېسىشقا، جۇۋاۋا، يەنى چۆچۈرە سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر تارقاتتى. مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە توققۇزتارا ۋە كۈنەس قاتارلىق ناھىيەلەردىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلغىنىدا ساقچىخانىدىكى يەرلىك ساقچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە پانۇس ئاسقانلىقىنى ۋە خىتايلار تەييارلىغان جۇۋاۋا، يەنى چۆچۈرىگە ئېغىز تەگكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
بۇ ھەپتە ئىچىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئالاقە توپلىرىدا قازاقچە سۆزلەنگەن تۆۋەندىكى شىكايەتنامە تارقالدى: «. . . مەن بۈگۈن خىتايدىن چىقتىم، ئۇ يەردىكى ۋەزىيەت بەك چاتاق. . . چاغان بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممە ئائىلىلەر پانۇس سېتىۋېلىشى كېرەككەن، پانۇسنى 50 سومغا سېتىۋالىدىكەن. . . . قورۇ ئىشىكلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە خىتايچە مەسنەۋىلەر يېزىلىشى كېرەككەن. . . بۇنىڭدىن باشقا (قوشماق) تۇغقان پائالىيىتى بويىچە قازاق، ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلار خىتايلار بىلەن بىللە چۆچۈرە يېيىشى كېرەككەن، چۆچۈرىنى بازاردىن سېتىۋالىدىكەن، چۆچۈرىنى كىمنىڭ تەييارلىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلالمايدىكەن. بۇنىڭغا بويسۇنمىغانلار 15 كۈندىن 1 يىلغىچە تۈرمە جازاسىغا ئۇچرايدىكەن. . . دەپ كەلسەم گەپ بەك تولا. . .»
بىز يۇقىرىدا دېيىلگەن ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ياكى قىسمەن جايلاردا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قەشقەر ۋە خوتەندىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. بەزى ساقچىخانا خادىملىرى بۇ ھەقتە يۇقىرىدىن مەلۇمات سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلسا، كۆپىنچىسى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ساقچىلاردىن بېرى پانۇس ئېسىش ۋە چۆچۈرە سېتىۋېلىش ھەققىدە ئەتىكى كۈنلۈكتە يىغىن ئېچىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بىز تورلاردا تارقالغان مەزكۇر شىكايەتنامىدىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن، غۇلجىنىڭ توققۇزتارا ۋە كۈنەس ناھىيەلىرىدىكى ساقچىخانىلاردىن مەلۇمات سورىدۇق. ساقچىخانىلاردىكى يەرلىك خادىملار يۇقىرىقى ئۇچۇردا دېيىلگەنلەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. كۈنەسنىڭ قازاقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تالدى يېزىلىق ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى ئىدارە ۋە ئۆيلىرىدە پانۇس ئاسقانلىقىنى بايان قىلدى. توققۇزتارانىڭ تاشتۆپە يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى ئۆيلىرىگە پانۇس ئېسىلغاندىن باشقا، ئۆزىنىڭمۇ جۇۋاۋىغا ئېغىز تەگكەنلىكىنى بىلدۈردى:
سوئال: ئاھالىلەرنى ئۆيلىرىگە پانۇس ئېسىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتامسىلەر؟
جاۋاب: قىلىۋاتىمىز.
سوئال: چۆچۈرىنىچۇ؟ ئاھالىلەرنىڭ چاغانلىق جۇۋاۋا يەۋاتقان ياكى يېمەيۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتامسىلەر؟
جاۋاب: قىلىۋاتىمىز، بىز ئۆزىمىزمۇ يېدۇق.
سوئال: خەنزۇلار تەييارلىغان جۇۋاۋىنى سىلەرمۇ يېدىڭلارمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، يېدۇق.
سوئال: چوشقا گۆشى بارمۇ يوق دەپ سۈرۈشتە قىلمىدىڭلارمۇ؟
جاۋاب: ياق.
سوئال: خالاپ يېدىڭلارمۇ، ئورۇنلاشتۇرۇش شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟. . . گەپ قىلىڭ، ئادەتتىمۇ يەۋىرەتتىڭلارمۇ ياكى مۇشۇ چاغاندىلا يېدىڭلارمۇ؟ تېلېفوندا بارمۇسىز؟. . .