ئانىنىڭ خىتابى: «بىز سىلەرنى ھايات قېلىشىڭلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇيغۇردەك ياشالىشىڭلار ئۈچۈن چەتئەللەرگە يولغا سالدۇق
2014.01.23

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، خىتايلارنىڭ كەمسىتىش ۋە ئۆچ ئېلىش خاراكتېردىكى ھۇجۇملىرىغا شاھىت بولغان ياش ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بار ئاماللار بىلەن، ئەتىۋارلىق بالىلىرىنى چەتئەللەرگە چىقىرىشقا باشلىدى.
يېقىنقى ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدە ئامېرىكا، ياۋروپادىكى ئەركىن دۆلەتلەرگە چىقىۋاتقان ياش بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس، ئەمما ئۇلاردىن چەتئەللەردە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇۋاتقانلار ئۇنچە يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىمەيۋاتقانلىقى مەلۇم، بۇ ئەھۋال يېقىندا بالىسىنى يوقلاش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن نۇرىمان خانىمنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئۇ ئۆزلۈكىدىن رادىئومىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، 5-ئىيۇلدەك پاجىئەلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن ۋە خىتاي ۋەھىمىسى سەۋەبلىك بالىسىنى چەتئەلگە چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان بىر ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.