ئىستانبۇلدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2017.12.27
duq-melumat-berish-yighini.jpg

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەلۇمات بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 23-دېكابىر، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

duq-melumat-berish-yighini-1.jpg

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەلۇمات بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 23-دېكابىر، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

duq-melumat-berish-yighini-2.jpg

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەلۇمات بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 23-دېكابىر، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

duq-melumat-berish-yighini-3.jpg

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەلۇمات بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 23-دېكابىر، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

duq-melumat-berish-yighini-4.jpg

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەلۇمات بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 23-دېكابىر، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

23-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، جامائەت ئەربابلىرى، يۇرت چوڭلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغان بىر قىسىم رەھبەرلىرى د ئۇ ق نىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى. 

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات، نەشرىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل تۇران، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيارى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە باشقىلار سۆز قىلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن «قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىندى ۋە ئۆتكەن يىلى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ روھىغا دۇئالار ئوقۇلدى. 

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆز قىلىپ، د ئۇ ق توغرىسىدا مەلۇمات بەردى ۋە قۇرۇلتاينىڭ بۇندىن كېيىن قىلماقچى بولغان بىر قىسىم خىزمەت پىلانلىرىنى تونۇشتۇردى. ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە، قۇرۇلتاي بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتى، ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھەر قايسى جەمئىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئالاقە ئورنىتىشنى كۈچەيتىدىكەن. 

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كەلگۈسى خىزمەت نىشانلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى، ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلىرى بىلەن شۇنىڭدەك ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن پارلامېنتلاردا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى ئاكتىپلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيارى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالىق سىياسىي تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا د ئۇ ق نىڭ خىزمەتلىرىنى پۈتۈن ئىمكانىيىتى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 
ئىستانبۇلىدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخانمۇ سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ۋەزىيىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، جەمئىيەتلىرى ۋە خەلقى ئارىسىدىكى ئۆملۈكنى ۋە ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىككى سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ ئاخىرىدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات يىغىن ئەھلىنىڭ قۇرۇلتاي توغرىسىدا سورىغان ھەر خىل سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. سوئاللار ئىچىدە «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان قۇرۇلتىيى دەپ ئاتالمىغانلىقى» ھەققىدىمۇ سوئاللار بار بولۇپ، بۇ ھەم ئۇزۇندىن بۇيان كۆپ تەكىتلىنىپ، كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇپ كېلىۋاتقان سوئاللارنىڭ بىرى ئىكەن. 

يىغىندا يەنە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل، فىنلاندىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىنىڭ رەئىسى دوكتور مەمەتئېلى قارى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەيسا ساۋۇت، د ئۇ ق ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھامۇتخان كۆكتۈرك، يۇرت چوڭلىرىدىن سېيىت تارانجى قاتارلىقلار سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۆز ئىمكانىيەتلىرى دائىرىسىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ۋە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاساسىي ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە جەمئىيەت رەھبەرلىرى بىلەن بىر ئارىغا كېلىپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش، كۆز قاراش ئالماشتۇرۇش ۋە كەلگۈسىدە نېمىلەرنى قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەر بويىچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان مۇھىم پائالىيەتلىرىدىن بىرى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.