فىرانسىيەدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى
2019.01.21

فىرانسىيەدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، فىرانسىيەنىڭ مۇلخوسە شەھىرىدىكى «ئۈلكە ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى 19-يانۋار كۈنى فىرانسىيەدىكى 9 تەشكىلاتنىڭ 200 دىن ئارتۇق ۋەكىللىرىنى يىغىپ «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.
مەزكۇر پائالىيەتكە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ۋاقتى يار بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن قۇرۇلتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى دولقۇن ئەيساغا ۋاكالىتەن دوكلات تەقدىم قىلغان.
ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈرك تەشكىلاتلىرى بۇ قېتىمقى يىغىن ئۈچۈن ئالايىتەن تۈركىيەدىن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقلارنى ئەكەلدۈرۈپ، يىغىن زالىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايراقلىرى بىلەن بېزىگەن. دوكلات تەقدىم قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوئال-جاۋاب پائالىيىتى بولۇپ ئۆتكەن. بۇ قېتىمقى پائالىيەت 4 سائەت داۋام قىلغان ھەمدە تۈرك تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى د ئۇ ق بىلەن ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.
مەلۇم بولغىنىدەك ئالدىنقى يىلى 21-دېكابىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى «ئالپ ئەرەن ئوجاقلىرى» ناملىق تۈرك تەشكىلاتى جازا لاگېرلىرىغا قارشى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپلا قالماي، شۇ كۈنى بۇ تەشكىلاتنىڭ باش شتابىدا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈپ، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلغان ئىدى.
ئوخشاشلا گېرمانىيەنىڭ نۈرنبېرگ شەھىرىدىكى 5 تىن ئارتۇق تۈرك تەشكىلاتلىرىمۇ 27-دېكابىر ئۆزلۈكىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشقا چاقىرغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ھەرقاچان زۇلۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
گېرمانىيە ۋە ياۋروپانىڭ باشقا ئەللىرىدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى يېقىندىن بۇيان ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا قارشى پائالىيەتلىرىنى بارغانسېرى كەڭ قانات يايدۇرماقتا. بۇ خىل پائالىيەتلەر تۈركىيەدە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقماقتا. بۇندىن بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى مالايسىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ جازا لاگېرلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيەدىكى 10 دىن ئارتۇق تۈرك تەشكىلاتلىرى بۇ يىل د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ فىرانسىيەنىڭ سىتراسبۇرگ شەھىرىدىكى مەركىزى بىناسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارىدىكەن ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋە فىرانسىيە ھۆكۈمىتىگە تەلەپ سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشنى ئىلتىماس قىلىدىكەن.