لاگېرغا تاشلانغان چەتئەل پۇقراسى: گۈلباھار جېلىلوۋا لاگېردا كۆرگەن قارا كۈنلەر (3)
2019.01.09

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گۈلباھار جېلىلوۋا سولانغان لاگېردىكى كامىرىدا 14 ۋە 17 ياشلىق قۇرامىغا يەتمىگەن ياش قىزلارمۇ ياتقان.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىن تىرىك چىقالىغان ساناقلىق شاھىتلارنىڭ بىرى بولغان قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئايال گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسىدە ئۆتكۈزگەن 15 ئايلىق كامېر ھاياتىدا ئىنسان تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدىغان خورلۇقلارنى باشتىن كۆچۈرگەن. ئۇنىڭ مەھكۇملۇق ھاياتىدا ئۈرۈمچىدىكى 3-تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن، تارتقان ئازابلىرى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان.
ئۈرۈمچىدىكى-3 تۈرمە ئەسلى ئەر جىنايەتچىلەرنى قامايدىغان تۈرمە بولۇپ، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلۈكىدىن بولسا كېرەك، دائىرىلەر بۇ تۈرمىنى ئاياللارنى قامايدىغان لاگېر ئورنىدىمۇ ئىشلەتكەن. گۈلباھارنىڭ تەسۋىرلەپ بېرىشىچە، ئۇ ئېگىزلىكى 6 مېتىر، كەڭلىكى 3 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 7 مېتىرچە كېلىدىغان، ھەممە يېرى سېمونت ۋە تۆمۈردىن ياسالغان بۇ زۇلمەتلىك كامېرىدا 40 تىن ئارتۇق ئۆزىگە ئوخشاش بىگۇناھ ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن ياتقان. ئۇلارنىڭ چوڭىنىڭ يېشى 80 گە تاقاشقان بولسا، كىچىكلىرى ئارىسىدا ھەتتا 14 ياش ۋە 17 ياشتىكى ئوقۇغۇچى قىزلارمۇ بار ئىكەن. ئۇلار تۈرلۈك گۇمانلار بىلەن قارا قويۇق قامالغانلار بولۇپ، تېخى بالا بولۇشىغا قارىماي قاتتىق سوراق ۋە ئېغىر زۇلۇملارغا ئۇچرايدىكەن. بۇنداق چاغلاردا بالىسىنىڭ يېشىدىكى بۇ قىزلارنىڭ تارتقان ئازابلىرىغا چىدىمىغان گۈلباھار «قىينىساڭلارمۇ مېنى قىيناڭلار، بۇ بالىلارنى قويۇپ بېرىڭلار. . .» دەپ گۇندىپايلارغا يېلىنغان چاغلىرىمۇ بولغان ئىكەن.
ھازىرغىچە زۇلمەتلىك جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىقالىغانلار ساناقلىق. ھازىرغىچە رادىيومىزغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچكى يۈزى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئۆمەر بەكئالى ۋە مېھرىگۈل تۇرسۇنلار ئۆزلىرى ياتقان لاگېرلارنىڭ شارائىتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرگەن ئىدى. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ تۇتقۇندىكىلەرگە نامەلۇم بىر دۇغ سۇ ئىچكۇزگەنلىكى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇر بەرگەن ئىدى. 15 ئاي خىتايدىكى جازا لاگېرىدا يېتىپ چىققان گۈلباھارمۇ دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇندىكىلەرگە قەرەللىك ھالدا شۇ خىل دۇغ سۇنى ئىچكۈزگەنلىكىنى ۋە بۇ سەۋەبلىك تۇتقۇندىكى ئاياللارنىڭ نورمال ھېيىزىنىڭ كېسىلگەنلىكى، ھەتتا ياش قىزلارنىڭمۇ شۇنداق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۈلباھار خانىم يەنە ئۆزى ياتقان كامېردا بەزىلەر سوراققا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەندىن كېيىن كاللىسىدىن ئاداشقان ھالدا كىرگەنلىكىگە، ئېغىر كېسەل بولۇشىغا قارىماي تۇتقۇنلارنىڭ ھېچقانداق داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىگە شاھىت بولغانلىقىنى ئاڭلاتتى.
گۈلباھارنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ قامالغان 15 ئاي جەريانىدا 2-ۋە 3-تۈرمىلەردە ياتقاندىن سىرت، يەنە تۈرمىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان دوختۇرخانىسىغا 3 قېتىم ئاپىرىلىپ، ئىلگىرى-ئاخىر 2 ئايغا يېقىن ۋاقىتنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئىكەن. ئۇ بۇ جەرياندا دوختۇرخانىدا بەزى كېسەل تۇتقۇنلارنى «ئۇخلىتىش» قا ئېلىپ چىقىپ كېتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىككىنچى قايتىپ كىرمىگەنلىكىگە شاھىت بولغان.