ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىن باشلاپ خىتاي رەھبەرلىرى ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتەك تۈرلۈك يېڭىچە سىياسەتلەرنى يولغا قويغان، خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدە يۇمشاق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزگەن دەپ قارالغان خىتاي رەھبىرى خۇ ياۋباڭنىڭ يۈز يىللىق تۇغۇلغان كۈنى چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە شۇنداقلا خىتاي ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق قۇتلانماقتا.
خىتاي رەھبىرى خۇ ياۋباڭ ھاكىمىيەت يۈزگۈزگەن مەزگىلدە، خىتاينىڭ مەركىزى بېيجىڭدا ئىلىم - تەھسىل قىلغان ۋە شۇ ۋاقىتتىكى خۇ ياۋباڭنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتى ئۈستىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق ئىزدەنگەن، ھازىر ياپونىيەدە ھىجىرەتتە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي رەھبىرى خۇ ياۋباڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن بەزى بىر يۇمشاق قوللۇق سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00