ئۇلرىك دېلىيۇس: ئېلىشقۇ ۋەقەسى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.08.03
ulrik_decliyus-305.png ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى سۆز ئۈستىدە
RFA/Ekrem

2-ئاۋغۇست كۈنى باش شتابى گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى «رادىئو لاۋرا» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سۆزىنى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن بۇيان، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك ناچار بولۇپ باقمىغان، خىتاينىڭ ئىسلاھات ۋە قانۇن دۆلىتى ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسى يىراق كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن باشلىغان.

«رادىئو لاۋرا» سەھىپىسى مەزكۇر زىيارەتكە ئۇلرىك دېلىيۇسنىڭ بايانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق كىرىش سۆز يازغان: «بىر قانچە يىللار ئىلگىرى، يەنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن چاغلار بۈگۈنكى كۈنگە زادىلا ئوخشىمايتتى. خىتايدا، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەڭ زور بولغان، سوتسىيالىزمنىڭ قىزىل لىباسلىرىغا پۈركىنىۋالغان بۇ ئەڭ چوڭ كاپىتالىستىك دۆلەتتە بۈگۈن، گېزىتلەر ۋە ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مائارىپ ساھەسىدىكى مىليونلىغان ئىنسانلار ئازابقا گىرىپتار بولماقتا، ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، فالۇنگوڭچىلار، خرىستىئان مۇرىتلىرى، تور باشقۇرغۇچىلار، سەنئەتكارلار، ئادۋوكاتلار ۋە ئوقۇغۇچىلار باستۇرۇلماقتا. ۋەھالەنكى، گېرمانىيە فېدىراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى خىتاي بىلەن داۋاملاشماقتا.»

گېرمانىيەدىكى داڭلىق رادىئو قاناللىرىدىن بىرى بولغان «رادىئو لاۋرا» بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ سۆھبەتتە، ئۇلرىك ئەپەندى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان بېسىملار، تىبەتلىكلەرنىڭ دەردى، فالۇنگوڭچىلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلار، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە ئادۋوكاتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ پىكىر بايان قىلغان. ئۇ يەنە، شى جىنپىڭنىڭ ئۆكتىچى كۈچلەردىن، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەردىن قورقۇپ، ھەممىنى بىراقلا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە تېرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ 2014-يىلى 28-ئىيۇل يەكەندە يۈز بەرگەن «ئېلىشقۇ قەتلىئامى» ھەققىدە توختالغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، 2014-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيىسى تەۋەلىكىدىكى ئېلىشقۇ يېزىسىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، ۋەقەدە 59 نەپەر ئىسيانچى، 39 نەپەر پۇقرا بولۇپ، جەمئىي 96 ئۇيغۇر ئۆلگەن. بىراق، د ئۇ ق ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بۇ قېتىمقى ۋەقەدە دەھشەتلىك بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى، دۆڭباغ، قوشئېرىق قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل ئايروپىلانلار ۋە ئېغىر قوراللار بىلەن ئاز دېگەندە 3-5 مىڭ ئادەمنى قەتلىئام قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

«رادىئو لاۋرا» دا 2014-يىلى 28-ئىيۇلدىكى «ئېلىشقۇ قەتلىئامى» توغرىسىدا توختالغان ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى، بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ قانلىق بىر قىرغىنچىلىق بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئېلىشقۇدا، رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بىر توپ ئاياللار توپلىشىپ ئىبادەت قىلىدۇ. قوراللىق ساقچىلار بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئاياللارنى ئوققا تۇتۇپ قىرىپ تاشلايدۇ. ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئەرلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى جەسەتلەرنى كۆتۈرۈپ ساقچىخانىغا ئەرز ئېيتىپ بارىدۇ. ساقچىلار ئۇلارنى قولغا ئالىدۇ. نەتىجىدە، يۇرت خەلقى قوزغىلىپ نارازىلىق نامايىشى قىلىدۇ. خىتاي دۆلىتى بۇ نامايىشچىلارنى ‹تېررورچىلار› دەپ ئاتايدۇ ۋە ئەسكىرىي كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ نۇرغۇن ئىنساننى قىرىپ تاشلايدۇ. بىز بۇ توغرىلىق مەخسۇس ئىزدىنىشلەردە بولدۇق. بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق.»

دەرۋەقە، «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» 28-ئىيۇل كۈنى «شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنىڭ 2 يىللىقى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، 1989-يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» بىلەن 2014-يىلى 28-ئىيۇل يەكەندە يۈز بەرگەن «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» نى سېلىشتۇرغان ئىدى. ماقالىدە: «تيەنئەنمېن ۋەقەسى خىتاي خەلقى ئۈچۈن قانداق مەنانى بىلدۈرسە، ئېلىشقۇ قەتلىئامىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شۇنداق مەنانى بىلدۈرىدۇ» دېگەن.

ماقالىدە يەكەن قەتلىئامىدا نۇرغۇنلىغان ئاياللار، بالىلار ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى خاتالىقلار تۈپەيلى ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ زىددىيەتلەرنىڭ بىر كۈنلىرى يەنە، تېخىمۇ ئېغىر بولغان قانلىق قىرغىنچىلىقلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادا ھېچ يەردە كۆرۈلمەيدىغان بىر زۇلۇم سىياسىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشىنى، ئاياللارنىڭ رومال ئارتىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇشىنى چەكلەشتەك بۇ خىل بىمەنە سىياسەت ئەلمىساقتىن ھېچ بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەردە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى» دېدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، «28-ئىيۇل ئېلىشقۇ ۋەقەسى» ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن كۆپلىگەن ماقالە، ئىنكاسلار ئېلان قىلىندى. خەلقئارا مەتبۇئاتلارمۇ بۇ توغرىلىق تۈرلۈك ئەسلىمىلەرنى تارقاتتى.د ئۇ ق مۇ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» نىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشتە ئويناۋاتقان رولىغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە بۇ قېتىم مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» گە دائىر باياناتنىڭ زور تەسىر قوزغىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» 1970-يىلى گېرمانىيەدە قۇرۇلغان نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلات ئىلگىرىكى دوكلاتلىرىدىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

2014-يىلىدىكى 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىنىڭ قانلىق بىر ۋەقە بولغانلىقى مەلۇم، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان، مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئۇچۇر يوللىغان ئابابەكرى رەھىمنى «پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان ھەمدە ئۇنى تېلېۋىزورلاردا «جىنايىتى» گە توۋا قىلدۇرغان. بۇ ئەينى چاغدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

بىز يەكەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە يەرلىك دائىرىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساقمۇ، ئۇلاردىن ئۇچۇر ئېلىش مۇمكىن بولمىدى. ئالدىنقى ھەپتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ساقچىلار ۋەزىيەت توغرىسىدا بىر نەرسە دېيىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.