لەنجۇ-ئۈرۈمچى ئوقسىمان تېز پويىزىدىكى ھەربىي مانېۋىر خىتاينىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئاشكارىلىدى
2015.06.10

ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالاھىدە مەبلەغ سالغان تۈرلەرنىڭ بىرى بولغان ئۈرۈمچى-لەنجۇ ئالاھىدە تېز سۈرئەتلىك پويىز قاتنىشى ئىشقا كىرىشىپ، يولۇچى توشۇشقا باشلىغان ئىدى. خىتاي ئارمىيىسى بولسا ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر ئېلىغا قاتنايدىغان ئالاھىدە تېز پويىزدا ھەربىيلەر ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى يۆتكەش، قوراللاندۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، تۇيۇقسىز ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى سىنىغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇنى لەنجۇ-ئۈرۈمچى ئالاھىدە تېز سۈرئەتلىك پويىز يولىنىڭ ئەسلى مەقسىتى دەپ مۆلچەرلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن لەنجۇ ئارىسىدا سائىتىگە 350 كىلومېتىر تېزلىكتە قاتنايدىغان بىر ئالاھىدە تېز سۈرئەتلىك پويىز يولى ياساپ چىقىپ، ئۇنى ئۆتكەن يىلى ئاخىرىدا يەنى 26-دېكابىر كۈنىدىن ئىبارەت رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرگەن. « ئوق تېزلىكىدىكى پويىز» دەپ نام بېرىلگەن بۇ ئالاھىدە تېز پويىز ئارقىلىق ئۈرۈمچى بىلەن لەنجۇ ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە 12 سائەت قىسقارغان ئىدى. دائىرىلەر تېخى 2017-يىلىغا قالماي بېيجىڭ بىلەن لەنجۇ ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان ئوقسىمان پويىز لىنىيىسى تۇتاشتۇرۇلۇپ، بېيجىڭ بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدىكى ئەسلىدىكى 41 سائەتلىك مۇساپىنى بىراقلا 16 سائەتكە چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي ئاخباراتى «تېز سۈرئەتلىك پويىز قاتنىشىنىڭ مۇساپىنى قىسقارتىپ خەلققە قۇلايلىق يارىتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنى بىر-بىرىگە زىچ باغلايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما خىتاينىڭ مۇداپىئە گېزىتىدە يەر ئالغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي خەلق ئارمىيىسى 2-ئىيۇن كۈنى بۇ تۆمۈر يولدا تۇنجى قېتىملىق ھەربىي ۋە ھەربىي ئەسلىھە يۆتكەش مانېۋىرى ئېلىپ بارغان. ھەربىي مانېۋىر ئىككى گۇرۇپپا بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىق مانېۋىردا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا ھەربىي قوشۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ يېنىك تىپلىق ھەربىي قوراللىرى، يۈك-تاقىلىرى يۆتكەلگەن. ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى ھەربىي مانېۋىر بويىچە باشقا بىر پويىزدا ھەربىيلەر بىلەن بىرلىكتە 40-تىپلىق ۋە 120-تىپلىق راكېتا قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىلىرى بىللە يۆتكەپ مېڭىلغان.
خەۋەردە، ھەر ئىككى مانېۋىردىن يىغىپ ئېلىنغان سانلىق مەلۇماتلار ئانالىز قىلىنىپ، بۇندىن كېيىن جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە لەنجۇدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملارنى يۆتكەش خىزمەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ، دېيىلگەن. لەنجۇ-ئۈرۈمچى تۆمۈر يولىنىڭ بىر بۆلىكى چىڭخەي-تىبەت ئېگىزلىكىدىن ئۆتىدۇ. بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ قېيىن نۇقتا دېڭىز يۈزىدىن 3600 مېتىر ئېگىزلىككە سېلىنىدىغان ئىككى تونېل بولۇپ، ئۇنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ۋە خەۋپلىك. ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مانا مۇشۇنداق خەۋپلەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، نېمە ئۈچۈن بۇ قۇرۇلۇشقا شۇنچە زور مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى ئاجراتقانلىقى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا بۈگۈنكى سۆزىدە لەنجۇ-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز لىنىيىسىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ يۇقىرىدىكى مانېۋىر ئارقىلىق ئاشكارا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، لەنجۇ-ئۈرۈمچى تۆمۈر يولىدا يېنىك تىپلىق قوراللارنى بىخەتەر يۆتكەشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن لەنجۇ تۆمۈر يول ئىدارىسى مەخسۇس ھالدا مىڭدىن ئوشۇق مىلتىق تىرىگۈچ، تاپانچا قېپى ۋە ئارغامچىلارنى ياساپ پويىزغا ئورۇنلاشتۇرغان. لەنجۇ تۆمۈر يولى ئىدارىسىنىڭ ھەربىي ئەسلىھە ترانسپورت ئىشىغا مەسئۇل باشلىقى جياڭ شياۋلىڭ بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈپ تۇرۇپ يەنىلا قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇڭا ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق يوسۇندىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن سىرت، لەنجۇ بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدىكى تېز پويىزنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە قۇلايلىق يارىتىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ ئورۇنلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل، دىن، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ياشاش مۇھىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تېخىمۇ زور ئېغىرچىلىق سالىدىغانلىقى ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەسىلىدۇر.