خىتاينىڭ «ئوقۇغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى» ناملىق يەنە بىر مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.07.02
mexpiy-hojjet-60-nomurluq.jpg خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نۇقتىلىق ئاھالىلەر توپى ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھۆكۈمەت خادىملىرىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى» ناملىق ھۆججىتىنىڭ باش بېتى.
RFA/Méhriban

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ يەنە بىرى 2018-يىل 5-ئاينىڭ 3-كۈنى تارقىتىلغان «نۇقتىلىق ئاھالىلەر توپى ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھۆكۈمەت خادىملىرىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى» ناملىق ھۆججەتتۇر. مەزكۇر ھۆججەتتە ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەرقايسى ساھەلەردە ئىشلەيدىغان ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى ئاساس قىلغان زىيالىيلار توپىنى نازارەت قىلىش ۋە بۇ توپلۇقتىكى ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى تېپىپ چىقىپ جازالاش تەلەپ قىلىنغان.

«ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇقىملىقنى قوغداش قوماندانلىق شتابى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان مەزكۇر ھۆججەتكە «2018-يىل 60-نومۇرلۇق ھۆججەت» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن.

ھۆججەتتە نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىغان ئاھالىلەر توپى ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىدىيەۋى خىزمىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ تۇتۇش، قەرەللىك ھالدا تاللاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئىككى توپلۇق ئىچىدىكى ئىدىيەدە تۇراقلىق بولمىغان، ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىق تەدبىرلىرى ۋە جەمئىيەتتىن نارازىلىقى كۈچلۈك بولغانلارنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارغا قارىتا ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىش، تەربىيەنى قوبۇل قىلىشتا لاياقەتلىك بولمىغانلارنى داۋاملىق تەربىيەلەش، «ئىدىيەدە ئاشقۇن، پوزىتسىيەسى جاھىل، خىزمەتكە ماسلاشمىغان، تىل بىرىكتۈرۈپ قۇتراتقۇلۇق قىلغانلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش» تەدبىرلىرى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھۆججەتتە يەنە مۇناسىۋەتلىك مەكتەپ ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ھۆججەتتىكى بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

«ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇقىملىقنى قوغداش قوماندانلىق شتابى» تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىنغان مەزكۇر ھۆججەتتىكى ئىزاھاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھۆججەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرىپىدىن 2018-يىلى تارقىتىلغان «3 خىل تۈردىكى سەزگۈر كىشىلەر توپىنى زەنجىرسىمان باشقۇرۇپ تەربىيەلەش يوليورۇقى» نامىدىكى 8-نومۇرلۇق ھۆججەتكە ئاساسەن چىقىرىلغان ئىكەن.

ھۆججەتتە «نۇقتىلىق ئاھالىلەر توپى ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئىجرا قىلىشنىڭ كونكرېت چارە-تەدبىرلىرى 7 نۇقتىغا يىغىنچاقلىنىپ بايان قىلىنغان:

1. ئوقۇغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى توپى ئىچىدىكى نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان ئوبيېكتلارنى تاللاپ بېكىتىش.

2. مەكتەپ، ئىدارە-ئورگانلار نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان ئوبيېكتلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈپ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى قاراشلىرىدىكى مەسىلىلەرنى ئىگىلەش.

3. نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان ئوبيېكتلار ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردىكى مەھەللە كومىتېتلىرىمۇ مەكتەپ، ئىدارە-ئورگانلارغا ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئالاقە-دائىرىسى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆزىتىش.

4. ياتاقلىق مەكتەپلەردە يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىش.

5. ئىدىيەۋى مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان، جەمئىيەتتىن نارازىلىقى كۈچلۈك بولغان، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ماسلاشمىغان، مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولغان ئايرىم ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەرگە قارىتىلغان نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش.

6. ھەپتىدە بىر قېتىم كىچىك دائىرىدە باھالاش ۋە ھەر ئايدا بىر قېتىم باھالاپ بېكىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىدىيەۋى تەربىيەنى قوبۇل قىلىشتا ئاكتىپ بولغان، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا يېقىندىن ماسلاشقانلارغا قارىتىلغان نازارەتنى بوشىتىش ياكى ئۇلارنى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قوشۇۋېتىش.

7. ئىدىيەۋى تەربىيەنى قوبۇل قىلىشتا جاھىللىق قىلغان، تەربىيەلەش خىزمىتىگە ماسلاشمىغان، تىل-بىرىكتۈرۈپ قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان ئاز ساندىكىلەرگە قارىتا قانۇنىي بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇقىملىقنى قوغداش قوماندانلىق شتابى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان مەزكۇر ھۆججەتتىكى بەلگىلىمىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا 2016-يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلاپلا يولغا قويۇلۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىش» نامىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە 2017-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرى باشلانغان خوتەنلىك يېزا سېكرېتارى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئېلان قىلغان «ئوچۇق خەت» بىلەن تەڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى پاش قىلىش ۋە زەربە بېرىش دولقۇنى قانات يايغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىپ «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ياكى تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

رادىيومىز ۋە باشقا خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى، بولۇپمۇ 2017-يىلى كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، بولۇپمۇ مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم تونۇلغان سەنئەتكارلار ۋە شائىر-يازغۇچىلار «ئىككى يۈزلىمىچى» ياكى «ئىدىيەسىدە مەسىلە بار» دېگەندەك ھەر خىل بەتناملار بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم.

تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئىچىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مەكتەپ مۇدىرى دوكتور تاشپولات تېيىپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مەكتەپ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن، تونۇلغان ئوبزورچى يالقۇن روزى، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان ئەبەي، ياڭراق ئاۋازى بىلەن تونۇلغان ناخشىچى ۋە مۇزىكانت ئابدۇرېھىم ھېيت، ئاممىباب ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت قاتارلىقلارغا «ئىككى يۈزلىمىچى»، «مىللىي بۆلگۈنچى» دېگەندەك قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، ھەتتا تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى رادىيومىز ۋە باشقا خەلقئارا تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.