قاراقاش ۋە يەكەن ناھىيەلىرىدە دېھقانلارنىڭ ئۆي قۇرۇلۇشى ئىشلىرى داۋاملاشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2016.04.19
yeken-oy-selish-qurlushi.jpg مەلۇم يېزىدىكى ئوي سېلىش قۇرۇلۇشى. 2016-يىلى، يەكەن.
RFA/Éhsan

يېقىندا چەتئەلگە چىققان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدا دېھقانلارنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھىسى بويىچە، كونا ئۆيلەرنى چېقىش ۋە بەزى جايلاردىكى دەل-دەرەخلەرنى كېسىش قۇرۇلۇشلىرى ئېلىپ بېرىلىش جەريانىدا، مېۋىلىك دەرەخلىرى كېسىلگەن دېھقانلارغا يېتەرلىك تۆلەم بېرىلمەسلىك ھەم باشقا بىر قاتار نارازىلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. بىز ئىنكاسلارغا ئاساسەن، قاراقاش ناھىيىسىگە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر بىر ئۆيى چېقىلغان دېھقان ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرەپتىن 28مىڭ سوم بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قايتا ئۆي سېلىش ئۈچۈن تەخمىنەن 60مىڭ سومدىن ئارتۇق پۇل سەرپ قىلىنىدىكەن. قالغان 32 سوم دېھقانلاردىن ئېلىنىدىكەن. ئەمما دېھقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مۇنداق زور چىقىمنى تۆلەش ئىقتىدارى يوق ئىكەن.

ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر كادىر سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يىللاردىن بۇيان دېھقانلارنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش، چارۋىچى ئاھالىلەرگە ئۆي سېلىپ بېرىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش، قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش دېگەندەك ۋە باشقا تۈرلۈك ناملاردىكى قۇرۇلۇشلار داۋاملاشماقتا.

چەتئەلگە ساياھەتكە چىققان بىر كىشىنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىل 7-ئايدا يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، بىخەتەر ئۆي سېلىش پىلانى بويىچە يەكەن ناھىيىسىگە قاراشلىق يېزىلاردا دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى چېقىلىپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىشقا جىددىي كىرىشىلگەن بولۇپ، 2016-يىلى كىرگەندىن بۇيان بۇ پىلان قەدىمى تېزلىتىلىپ، يانۋار ئېيىدىكى سوغۇق مەزگىلىدە ئۆيلىرى چېقىلغان دېھقانلار سىرتتا چېدىر تىكىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

بىز دېھقانلارنىڭ يېڭى ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئىگىلەش ئۈچۈن يەكەن ناھىيىلىك تەشۋىقات ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان خىزمەتچى خادىم بۇ بۆلۈمدە ئۇيغۇر كادىرنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، يۇقىرى ئورۇنلاردىن خەت ئېلىپ كېلىپ ئاندىن زىيارەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى دەپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئەمما، خىتاي تىلىدىكى «ئاسىيا كىندىكى» تورىنىڭ 2014-يىلى 10‏-ئايدىكى، يەنى يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى ئايدىن كېيىنكى بىر پارچە خەۋىرىدە، يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەكەن كونا شەھىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، كونا يەكەن شەھىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئىشلىرىنى باشلاشقا ئائىت تەشۋىقات، تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.