خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى

0:00 / 0:00

پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ بىرى. بۇ سىياسەت ئۇيغۇر ئېلىگە توختىماي كۆچۈرۈلۈۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى نەتىجىسىدە ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىقلار ئورنىغا چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نارازى قىلماقتا.

ئەمما ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندا مەخسۇس پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتايدا يولغا قويۇلۇۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۈستىدىكى تەنقىدىي پىكىرلەر، نارازىلىقلار كۆپىيىپ، خىتاي كۆزەتكۈچىلەر خىتايدىكى نوپۇسنىڭ قېرىشى، ئەر-ئاياللار سانىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى قاتارلىق نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان، خىتايدا نوپۇسنى كونترول قىلىش سىياسىتىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى تەلەپلەر كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا مەخسۇس ئاپتونوم رايون بويىچە پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئالاقىدار رەھبەر ۋە خادىملارنى جايلاردا 18-قۇرۇلتاي روھىنى شۇنداقلا مەملىكەتلىك پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى، ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يېتىپ، تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىندا، ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نۇرغۇن ياخشى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكى تەقدىرلىنىش بىلەن بىرگە، بۇندىن كېيىن جايلاردا تەشۋىقاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى كىشىلەر بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئۇچرىشىش، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت مەركەزلىرىنى كۆپەيتىشكە ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللىنىش يوليورۇقى بېرىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر ياقتىن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى قانۇنىي ئولتۇراقلىشىش ئاساسلىرىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 6 مىليون كۆچمەنگە « ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى» بېرىشنى ئىجرا قىلغاننىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەدەپ نوپۇسنى كونترول قىلىشنى، ئاز پەرزەنتلىك بولۇشنى تەشۋىق قىلماقتا، ھەتتا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇنى ئىجرا قىلماقتا. دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇس چەكلەشتە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى ئاساس نىشان قىلىۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەر 2012-يىلى 170 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ مەخسۇس يېزىلاردىكى پىلانلىق تۇغۇتقا ئەمەل قىلغان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلىغاندا، مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى 50% تىن ئاشىدىغان جايلارنى ئاساس قىلغان ئىدى. خەۋەرلەردىن شۇ قېتىملىق مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا، ناھىيىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاز تۇغۇپ، تېز بېيىش» قۇرۇلۇشى بويىچە، پەقەت بىرلا پەرزەنتلىك بولغان 82 مىڭدىن ئارتۇق كىشى، 29 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە مۇكاپاتلانغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىق قاتارىغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ھەم ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىگە، ھەم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا ئېغىر زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2011-يىلى ئېلان قىلغان 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان خىتايلار نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ40.1% ئىنى ئىگىلىگەن. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق باشقا بارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر 13 مىليون 67 مىڭ نوپۇس بىلەن ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 59.9% ئىنى ئىگىلىگەن. دېمەك، 60 يىلدىن بېرى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خىتاي كۆچمەن يۆتكەش نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ 50 پىرسەنتىنىمۇ تەشكىل قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېلان قىلىنىۋاتقان ئالاقىدار ستاتىستىكىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي رايونلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىمۇ خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى يۇقىرىلاپ ماڭغان. ئەمما ئەكسىچە، بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن بۇندىن كېيىن نىشانىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى چىڭ ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان رايونلارغا قارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ۋەھشىي ۋە ئىنسانلىققا يات بىر قىرغىنچىلىق سىياسىتى، دەپ باھا بەرمەكتە ۋە بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە، رايوندا تېخىمۇ كۆپ قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.