دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم توكيوغا يېتىپ كەلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016-05-24
Share
rabiye-yaponiye-ziyaret-ayrodrom.jpg رابىيە قادىر خانىمنى ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئايرودرومىغا چىقىپ قىزغىن كۈتۈۋالغان. 2016-يىلى 24-ماي، توكيو.
RFA/Qutluq

24-ماي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم توكيوغا يېتىپ كەلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدىن شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يېرىمدا توكيودىكى نارىتا خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەن. رابىيە قادىر خانىمنى ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئايرودرومغا چىقىپ قىزغىن كۈتۈۋالغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم ئايرودرومدا بىر قىسىم ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت