دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: «بىز خىتاينى قانۇنسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەيمىز»
2013.11.20

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى 20-نويابىر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى نامىدىن رادىئومىزغا رەسمىي بايانات بېرىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى 16-نويابىر يۈز بەرگەن سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى «قانۇنسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەيمىز» دەپ جاكارلىدى.
ئۇ، نارازىلىقلارنى قانلىق باستۇرۇش يولى بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى، بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ قان ئېقىشقا سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەققىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ «ھېچكىم قان ئېقىتىشنى خالىمايدۇ، قان ئاققۇزمايمۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما خىتاي بۇنى خالىماي، ئۇيغۇرلارنى باشقا يوللار ئارقىلىق قارشىلىق بىلدۈرۈشكە مەجبۇر قىلماقتا،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر قانداق نارازىلىقنى، سېرىقبۇيىدىكى ۋەقەدەك قانلىق باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈپ قان تۆكۈلۈشلەر كېلىپ چىقماقتا، خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلمىغۇچە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل نارازىلىقى توختاپ قالمايدۇ، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن، چۈنكى ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بەدەلنى تۆلەشكە رازى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز» دەپ بىلدۈردى.
ئالىم سېيىتوفنىڭ باياناتىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.