«1-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيىلىك مۇھاكىمە يىغىنى» كۈتۈلگەن مەقسەتكە يەتتىمۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017-03-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سىپرۇستا «شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيىلىك مۇھاكىمە يىغىنى» نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشقان بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر يىغىندىن كېيىن خاتىرە سۈرەتتە. 2017-يىلى 27-فېۋرال، شىمالىي سىپرۇس.
سىپرۇستا «شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيىلىك مۇھاكىمە يىغىنى» نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشقان بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر يىغىندىن كېيىن خاتىرە سۈرەتتە. 2017-يىلى 27-فېۋرال، شىمالىي سىپرۇس.
Photo: RFA

«1-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيىلىك مۇھاكىمە يىغىنى» چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار، جامائەت ئەربابلىرى، سىياسەتچىلەر ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن 25-فېۋرالدىن 27-فېۋرالغىچە شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرنە شەھىرىدىكى لوردس پالاس مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، يىغىندا خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى يۆنىلىشى ۋە ئۇ پەيدا قىلىدىغان ئىجابىي-سەلبىي تەسىرلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلىرى ھەم بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك چارە-تەدبىرلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇنداقتا «يىغىندىن كۈتكەنلەر قولغا كەلتۈرۈلدىمۇ؟» «ئەركىن ئەكرەمنىڭ بەزى كۆر قاراشلىرىغا يىغىن ئەھلى قانداق قارايدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئالدۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «1-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيىلىك مۇھاكىمە يىغىنى» نى ئېچىشتىن كۈتكەن مەقسىتىگە تولۇق يېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئارا سەۋىيىدە ئېلىپ بېرىش جەھەتتە مەلۇم چۈشەنچىلەرگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدا تەھلىل ئېلىپ بېرىپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى، خىتايغا پايدىلىق بەزى ۋەزىيەتلەر پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئەقلىنى ئىشلەتكەندىلا ئۆز دەۋاسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيەدىن كېلىپ بۇ ئۇچرىشىشقا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بۇ قاراشلىرىنىڭ ناھايىتى توغرا بىر دىئاگنوز ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچىنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئالدىنى توسۇشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما توسالمايۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر داۋاسىدا ئەنە شۇنداق ئەقىل-ئىدراك ئىشلىتىلىپ، كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدىن كېلىپ بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكادىن كېلىپ بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يېتىشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۇنيانىڭ يۆنىلىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان يىغىنلارنى داۋاملىق ھالدا ئېچىش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ يىغىنغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە قاتارلىق 12 دۆلەتتىن 19 كىشى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ھېچقانداق تەشكىلات ۋە گۇرۇھقا ۋەكىللىك قىلمايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت