رابىيە قادىر خانىم شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىگە ئىنكاس قايتۇردى
2014.04.29

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 27-ئاپرېل ئۇيغۇر ئېلىغا يېتىپ كېلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشقا باشلىدى.
بۇ، شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان بىرىنچى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈشتە بولۇشى. شى جىنپىڭ قەشقەرنى «تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپى» دەپ كۆرسىتىپ ئۈرۈمچىدە بىر كۈن تۇرۇپلا قەشقەرگە قاراپ يۈرگەن. شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا دەسلەپتىلا تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىشنى ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىپ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلار ئەڭ نارازى بولۇۋاتقان قوش تىل مائارىپىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈش قاتارلىقلارنى تەكىتلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەنقىدىي ئىنكاسىنى قوزغاپلا قالماي، دۇنيا ئاخباراتلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارىتى ۋە بايانلىرىغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىش يۈزىسىدىن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.