ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرىسىنى ئالاھىدە ئۆتكۈزمەكچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2016.11.08
sherqiy-turkistan-maarip-ikki-jumhuriyet.jpg گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى چىقارغان بۇ يىللىق ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرىسى پائالىيىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى.
RFA/Pida’iy

مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تور بېتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىللىق ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرىسى پائالىيىتى 13-نويابىر يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، پائالىيەت ئەھلىگە « كۈچلىنىۋاتقان خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» توغرىلىق تەتقىقات دوكلاتىنى سۇنىدىكەن.

ھازىر مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى بۇ پائالىيەتنىڭ پىلانى ۋە چاقىرىق ئېلانى مەزمۇن قىلىنغان تەشۋىقاتلىرىنى رەسىم ۋە فىلىم شەكلىدە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىمۇ تارقىتىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پائالىيەت قوللىغۇچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.