ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن ئىككى دوستى تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ باش مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016-01-06
Share
omer-faruq-qorqmaz.jpg تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى باش مەسلىھەتچى قىلىپ تەيىنلىگەن دىنىي ئىلىملەر مۇتەخەسسىسى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى تەتقىقاتچى ئۆمەر فارۇق قورقماز ئەپەندى. 2016-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى يېقىندا مەسلىھەتچىلىرىنى ئالماشتۇرغان بولۇپ ئۆمەر فارۇق قورقماز قاتارلىق 9 كىشىنى باش مەسلىھەتچى قىلىپ يېڭىدىن تەيىنلىگەن.

باش مىنىستىرنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش مەسلىھەتچىلىرى تۈركىيە گېزىتىدە بۈگۈن ئېلان قىلىندى. مەسلىھەتچىلەر ئارىسىدا يازغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى سۇلايمان سەيفى، ئەدەبىياتشۇناس ئىسكەندەر پالا، سابىق پارلامېنت ئەزاسى مۇھسىن قىزىل قايا، يىلماز ئەنسارئوغلى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى مۇستافا شەن ئەپەندى، دىنىي ئىلىملەر مۇتەخەسسىسى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى تەتقىقاتچى ئۆمەر فارۇق قورقماز ئەپەندى، نەجداد سۇ باشى، پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت دوغان قاتارلىقلار بار.

سايلامدىن ئىلگىرى ۋاقىتلىق قاتناش مىنىستىرى بولغان فەرىدۇن بىلگىن قاتارلىق 9 كىشى باش مىنىستىرنىڭ يېڭى باش مەسلىھەتچىلىرى بولۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆمەر فارۇق قورقماز ئەپەندى بىلەن مۇستافا شەن ئەپەندىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سەمىمىي دوستى بولۇپ ئۇلار ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئۆمەر فارۇق قورقماز ئەپەندى بىلەن فارۇق شەن ئەپەندى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى بولغان ۋاقتىدىن تارتىپ تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردا كېيىنچە سىياسىي پارتىيەلەردە ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەپ كەلگەن بولۇپ ھەر يىلى دېگۈدەك تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چاقىرىلغان يىغىنلارغا قاتنىشىپ يىغىندا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ غايىدە بىرلىشىشى، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى قانداق قىلىپ ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلىتىش توغرىسىدا دوكلاتلار بەرگەن ئىدى.

ئۆمەر فارۇق قورقماز ئەپەندى پاكىستان ئىسلامئابادتىكى خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلام دىنى فاكۇلتېتىدا دىنلار تارىخى ساھەسىدە ئوقۇغان ۋە ماگىستىرلىقنىمۇ شۇ مەكتەپتە پۈتتۈرگەندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ ئەنقەرەدە «دىنلار تارىخىدا بۈگۈنكى زەردۇشلۇق» دېگەن تەتقىقات ماقالىسى بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. كېيىن بىر مەزگىل سىۋاس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن ئىككى دوستىنىڭ تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوشلۇنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولۇشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق سۆيۈندۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى بولۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق پايدىسى بولار؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابلەت ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئۆمەر فارۇق قورقماز ئەپەندىنىڭ پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتكەن، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بىر كىشىنىڭ باش مىنىستىر مەسلىھەتچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ داۋاملىق كۈن تەرتىپكە كېلىۋاتقانلىقىنى ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق ھالدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە يالغان مەلۇمات بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىنى ياخشى بىلىدىغان بىرىنىڭ باش مىنىستىرنىڭ يېنىدا بولۇشىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئابلەت ئەپەندى ئۆمەر فارۇق قورقماز ئەپەندىنىڭ تۈركىيە باش مىنىستىرى باش مەسلىھەتچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ، بۇ كىشىنىڭ تۈركىيە -خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھازىرقى يېڭى ھۆكۈمەت 4 يىل تۈركىيەنى ئىدارە قىلىدىغان بولۇپ، بۇ 4 يىل ئىچىدە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت