ئىككى يىغىن ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.01.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
motsiklit-uyghur-qoralliq-saqchi.jpg بىر ئۇيغۇرنىڭ كوچا چارلاۋاتقان قوراللىق ساقچىلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2010-يىلى 3-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى كورلا شەھىرىنىڭ باغراش سودا بازىرى، لەڭگەر يولى، چىلانباغ كوچىسى قاتارلىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشايدىغان يەرلەردە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئاز دېگەندە 15 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كورلىدا ئېلىپ بېرىلغان تازىلاش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چاغان بايرىمى، 2-ئايدا چاقىرىلىدىغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك يىغىنى ھارپىسىدىكى «قاتتىق زەربە بېرىش» ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، ئىتتىپاق يولى ساقچىخانىسى قاتارلىق ھەر قايسى ئامانلىق پونكىتلىرى، دۆلەت ئامانلىق قوغداش ئەترىتى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان. دىلشات رىشىت، خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ باغراش سودا بازىرىدا 3 كىشىنى، چىلانباغ كوچىسىدا 11كىشىنى، «جەنۇبىي شىنجاڭ چوڭ بازىرى» دا، ئاتالمىش غەلىتە كىيىملىك 4 ئۇيغۇر ئايالنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، باغراش سودا بازىرىدىكى 3 كىشى قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرىنى ساقلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان. چىلانباغدىكى 11 كىشىنى «قانۇنسىز يىغىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ، دۆلەت ئامانلىق قوغداش ئەترىتى تۇتقۇن قىلغان. شىمالىي ئىتتىپاق يولى ۋە «جەنۇبىي شىنجاڭ چوڭ بازىرى» دا تۇتقۇن قىلىنغان 4 ئايال «تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى» دەپ ئەيىبلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ساقاللىق ئەرلەرنىڭ، جىلباپلىق ئاياللارنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا، ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىشىنى چەكلەپلا قالماي، ئۇلارنىڭ سودا بازىرى، مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارغا كىرىشىنى، ئاممىسى قاتناش ئەسلىھەلىرىگە چۈشۈشىنى چەكلەپ كەلگەن.

بۇ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە يەنە، ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك «جامائەت خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلار بار. دىلشات رىشىت، تۇتقۇن قىلىنغان بۇ كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى مەجھۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىغا قىلىنغان ھۇجۇم، مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا، قەشقەر توققۇزاقنىڭ سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى، بۇنىڭدىن ئاۋۋال خوتەن، قاغىلىق، لۈكچۈن قاتارلىق يەرلەردە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنى «تېررورلۇق» دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتكەن.

بىراق، خىتاي بۇ ۋەقەلەرنى «تېررورلۇق» دەپ ئېلان قىلغان بولغان بولسىمۇ، غەرب ئەللىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ۋەقەلەرنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكى « گۇمانلىق» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا بۇ توقۇنۇشلارنى تېررورلۇق، دەپ ئاتاشنى رەت قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئۇلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىشنى توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.

دىلشات رىشىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر يۇقىرىقى رايونلاردا كوچىدا كېتىۋاتقان «گۇمانلىق» ئۇيغۇرلارنى ئاختۇرۇپ، قول تېلېفونلىرىنى تەكشۈرگەن. ئۇلار يەنە، تېلېفون دۇكانلىرىنى، تېلېفون مىكرو ساقلىغۇچى سېتىش ئورۇنلىرىنى ئاختۇرۇپ، بىر تۈركۈم دىنىي مەزمۇنلار قاچىلانغان تېلېفون مىكرو ساقلىغۇچىلىرىنى، ئۈن بۇيۇملىرىنى مۇسادىرە قىلغان.

بىراق، كورلا ئىتتىپاق يولى ساقچى پونكىتى سەيشەنبە كۈنى باغراش بازىرى قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلارنى ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئون نەچچە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ راست -يالغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى رەت قىلدى. ساقچى پونكىتىنىڭ ئىسمى نامەلۇم بىر خىتاي خادىمى، بۇنىڭ مەخپىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىمۇ؟ بىزنىڭ ساقچى پونكىتىمىز بۇنداق تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارمىدى. 20 كىشىنىمۇ قولغا ئېلىپ باقمىدى. ئەگەر يەرلىك ئاخباراتلار بۇنى خەۋەر قىلغان بولسا، سىز ئۇلاردىن سوراڭ. بىز قاچان تازىلاش ئېلىپ بارىمىز، قاچان ئادەم تۇتىمىز، بۇ ئىشلار ماڭا ناھايىتى ئايان. سىز بۇ ئىشنى بىزدىن ئېنىقلايمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ. بىلگىڭىز بولسا ئاخباراتتىن سورىسىڭىزلا بولدىغۇ! مەن جاۋاب بېرىشكە سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزنى بىلمىسەم. بىزنىڭ ج خ ئورگىنىنىڭ بەزى ئىشلىرىنى سىزگە ئاشكارىلىسام بولمايدۇ. بۇ ئىشلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ. ئەگەر بىلىمەن دېسىڭىز بىزنىڭ ساقچى پونكىتىغا كېلىڭ. تېلېفوندا جاۋاب بېرىلمەيدۇ. بۇ مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان مەسىلە. مەن سىزگە شۇنى دەپ قوياي، مەن تېلېفوندا سىزگە ھېچقانداق نەرسە، دەپ بېرەلمەيمەن. چۈنكى سىزنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىڭىز ماڭا نامەلۇم. بۇرۇنمۇ سىلەر بىزگە تېلېفون قىلغان. بىزنىڭ رەھبەرلىك سىلەرنىڭ زىيارىتىڭلارنى قوبۇل قىلماسلىققا بۇيرۇدى.

بۇ ساقچى يەنە، جىلباپلىق 4 ئايالنىڭ تەربىيە بېرىلگەن بولسىمۇ، قوبۇل قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى رەت قىلىپ، بىز باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىمىز، دېدى. بىراق، نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ جىلباپ كىيىشى، ئەركەكلەرنىڭ ساقال قويۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

ئۇ: بىز جىلباپلىق ئاياللارنىڭ كىيىمىنى سېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىشتەك بۇنداق ئىشنى قىلمىدۇق. بىز ئۇلارنىڭ دىنىي كىيىمىنى سېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلمايمىز. ھەر بىر مىللەتلەر دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار. كىشىلەرنى مەجبۇرلايدىغان ئىشنى قىلمايمىز. بۇنداق ئىش يۈز بېرىپ باقمىدى. 20 ئادەمنى قولغا ئېلىش، دىنىي كىيىمنى سېلىۋېتىشكە مەجبۇرلاشتەك بۇنداق ئىشلار مەۋجۇت ئەمەس. بۇنچىلىك كۆپ ئادەمنىمۇ قولغا ئېلىپ باقمىدۇق. بىزنىڭ قارشى تۇرىدىغىنىمىز قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت. بىراق بۇ بارلىق دىنلارغا قارشى تۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى سىياسىتىدە ئەركەكلەرنىڭ ساقال قويۇشىغا، ئاياللارنىڭ جىلباپ كىيىشىگە يول قويۇلمايدۇ؟ بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز، دېگەن سوئالىمىزغا بولسا، مەن سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزنى گۇمانلىق، دەپ قارايمەن. سىز ھەر قانداق ئەھۋالنى ئىگىلىمەكچى بولسىڭىز ساقچى پونكىتىغا كېلىڭ، دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

دىلشات رىشىت،2014 ‏-يىلى كىرگەن بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىك يۇمشىمىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق ۋە نىشانلىق زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ چاغان بايرىمى، ئىككى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر قايسى شەھەرلەردە ئامانلىق كۈچلىرىنى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ياقا-يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىۋاتقانلىقى، بەزى رايونلاردا ساقچىلارغا كۆرسەتكۈچ چۈشۈرۈپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ رايوندا جىددىيلىكنىڭ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، رايوندىكى مۇقىمسىزلىققا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يېقىندا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسى مەخسۇس «شىنجاڭ ۋەزىيىتى» ھەققىدە يىغىن چاقىرىپ، «شىنجاڭ خىزمەت دوكلاتى» نى ئاڭلىغان. «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىغىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش ھەققىدە «زور ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش» ئېلىپ بارغان.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا، بۇ يىغىننىڭ كونكرېت قايسى كۈنى ئېچىلغانلىقى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش «نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.