توكيودىكى مۇخبىرلار كۇلۇبىدا ۋاڭ دەن بىلەن فۇڭ جىڭئېن خوڭكوڭ مۇستەقىللىقى توغرىسىدا توختالدى
2016.10.19

17-ئۆكتەبىر توكيودىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۇيۇشمىسى كۇلۇبىدا، خىتايدا يۈز بەرگەن 1989-يىلىدىكى 4-ئىيۇل تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن ھازىر تەيۋەندە ياشاۋاتقان ۋاڭ دەن بىلەن 2014-يىلىدىكى خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلار «كۈنلۈك ھەرىكىتى» نىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى فۇڭ جىڭئېن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ خوڭكوڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغان.
مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چۈش سائەت ئون ئىككىدىن بىر يېرىمغا قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، چەتئەل ۋە ياپونىيە مۇخبىرلىرى خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خىتاي مەسىلىلىرى ئۈستىدە كۆپلىگەن سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
توكيودىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۇيۇشمىسى كۇلۇبىدا چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىنىدا ئالدى بىلەن خوڭكوڭدىكى ئوقۇغۇچىلار «كۈنلۈك ھەرىكىتى» نىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى فۇڭ جىڭئېن يېقىندىن بۇيان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىن، خىتاي دۆلىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختالغان.
فۇڭ جىڭئېن سۆزىدە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ مۇستەقىللىق يولىنى تاللىشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرى بولسا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا خوڭكوڭ مائارىپىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغانلىقى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن خوڭكوڭلۇقلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا باشلىغانلىقىدىن دەپ كۆرسەتكەن.
تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىن داۋامىدا تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋاڭ دەن خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلار «كۈنلۈك ھەرىكىتى» نىڭ رەھبىرى فۇڭ جىڭئېننىڭ خوڭكوڭ مۇستەقىللىقى توغرىسىدىكى يۇقىرىدىكى قاراشلىرىغا قارشى چىققان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە، خوڭكوڭدا مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلغۇچىلارنىڭ پەقەتلا ئاز ساندىكى خىتاي كومپارتىيەسىگە نارازى بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ۋاڭ دەننىڭ خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى پىكىرلىرىگە قارىتا فۇڭ جىڭئېن تارىخ نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ رەددىيە بەرگەن.
يىغىن ئارىلىقىدىكى سوئال سوراش پۇرسىتىدە فۇڭ جىڭئېن، تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ: «سىز، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.
يىغىندىن كېيىن، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فۇڭ جىڭئېن مۇنداق دېدى: «1984-يىلى خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيۇشمىسى خىتاي رەھبەرلىرىدىن جاۋ زىياڭغا مەكتۇب يوللاپ، خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، جاۋ زىياڭ خوڭكوڭنىڭ كەلگۈسى يولىنى خوڭكوڭلۇقلار ئۆزى بەلگىلەيدۇ، دەپ جاۋاب خەت يازغان ئىدى. لېكىن، خوڭكوڭ بېيجىڭغا تەۋە بولغاندىن باشلاپ تا ھازىرغا قەدەر خىتاي كومپارتىيەسى خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىلەرگە قەتئىي ئەمەل قىلمىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كومپارتىيە خوڭكوڭلۇقلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى. شۇڭا بىز خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇش يولىنى تالىدۇق.»
فۇڭ جىڭئېن ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە باھا بېرىپ: «ئۇيغۇر، تىبەتلەر بىزگە ئوخشاشلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەر. شۇڭا، بىز ئۇلارنىڭ پىكرىنى ھۆرمەت قىلىمىز ۋە قوللايمىز» دېدى.
ياپونىيەدىكى بىر قىسىم خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، مەشھۇر خىتاي ئۆكتىچىسى ۋاڭ دەن، گەرچە كومپارتىيەگە قارشى خىتاينىڭ دېموكراتلىشىشىنى خالايدىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ، خىتاينىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىگە قارشى تۇرىدىغان، تەيۋەن، تىبەت ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىللىقىنىمۇ قوللىمايدىغانلاردىن بىرى دەپ قارىلىدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.