خىتاي ياپونىيەدە «بىڭتۇەن ئاق تاشلىق كىتابى» نى تارقىتىشقا باشلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.11.30
bingtuen-aq-tashliq-kitab.jpg خىتاي ياپونىيەدە تارقىتىشقا باشلىغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ياپونچە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Qutluq

ياپونىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە بىر قىسىم شەھەرلەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ياپون تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسىنى ھەقسىز تارقىتىشقا باشلىغان.

«شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ‏- قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كىتاب ئەسلى 2014-يىلى 10-ئايدا خىتاي دۆلەت ئىشلىرى ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن خىتاي تىلىدا تۈزۈلگەن كىتابقا ئاساسەن ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر كىتاب خىتاي چەتئەل تىللىرى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان.

كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا دېيىلىشىچە، «1949-يىلى شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان چۆل-باياۋان ۋە قۇملۇق باسقان بۇ ماكاندا 1954-يىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى مەخسۇس قارار ماقۇللاپ بىڭتۇەن قۇرۇلغان. ھازىرغىچە بولغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان قۇملۇق ئىچىدىكى بۇ دىياردا بىڭتۇەن تىرىشىپ-تىرمىشىپ غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى ۋە سانائىتى گۈللىنىپ، دېھقانچىلىقتا زور كۆلەمدە بوز يەرلەر ئېچىلغان.»

كىتاب جەمئىي تۆت بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى «چېگرا رايوننى قوغداش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش جەھەتتە، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ 14 دېۋىزىيەسىنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەنلىكى ۋە ھوقۇق دائىرىسىنىڭ كېڭەيگەنلىكى» بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر كىتابتىكى مەزمۇنلاردىن تولۇق ۋاقىپ بولغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بۇ ھەقتە توختالدى.

ياپونىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابنى تارقىتىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم قىسقىچە توختالدى.

ياپونىيەدە چىقىدىغان ياپون تىلىدىكى «خىتايغا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى مانجۇ يازغۇچى مېڭ شا كىتابقا باھا بېرىپ:«خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ تارىخىنى ۋە ئۆزىدىكى رېئاللىقلارنى بۇرمىلاپ كىتاب يېزىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ بايلىقىنى ئىگىلەش نىيىتىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ خىلدىكى ساختا تەشۋىقاتلار بىلەن ئالداپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا دۇنيا خەلقى، خىتاينىڭ كۆز بويايدىغان تەشۋىقاتلىرىدىن ھوشيار بولۇشى كېرەك» دېدى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەننىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا بىر قىسىم تەشۋىقاتلار ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ياپونىيەدىكى بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ بىڭتۇەن بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈزچىلەر، مەزكۇر كىتابتا دېيىلگەن مەزمۇنلاردىن بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئالاھىدە ئورگان ئىكەنلىكى شۇنداقلا بىڭتۇەننىڭ ھەر قايسى دېۋىزىيەلىرى مەخپىي قوراللانغان ئەسكىرىي قىسىملار ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

خىتاي ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى12-ماي كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «13-بەش يىللىق پىلان پروگراممىسى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر پروگراممىدا بىڭتۇەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 2020-يىلىغا بارغاندا 33 مىليارد سومغا يەتكۈزۈش پىلانلانغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.