ياپون مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ھەققىدە توختالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.08.04
yaponiye-qanunshunas-yamada-ependi.jpg ياپونىيەدە تونۇلغان قانۇن ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى قانۇنشۇناس يامادا ئەپەندى
RFA/Haji Qutluq Qadiri

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئۆتكەن يىلى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى تەسدىقلىغان ئىدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى 29 - ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چائىرىسى» ن ماقۇللىغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئاخباراتلىرىدىن دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى ن خ ك ۋە شۇنداقلا «ئاساھى شىمبۇن» قاتارلىق گېزىتلەر شۇنداقلا ياپونىيەدىكى بىر قىسىم خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھەقتە بەزى ئوخشىمىغان قاراشتىكى پىكىرلەرنى بايان قىلغان ئىدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم كۆز قاراشلارنى ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئالدى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيە ئاخباراتلىرىدىكى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ھەققىدىكى ئىنكاسلار توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى.

ياپونىيەدە تونۇلغان قانۇن ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى قانۇنشۇناس يامادا ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا خەلقئارا ۋەزىيەتتىن ئەتراپلىق پايدىلىنىپ ئىش كۆرۈۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى"نى خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بىلەن جۇڭخۇا دىن ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىپ، يىغىندا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش تەشەببۇس قىلىنىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تەشەببۇسنامىسىنى ئېلان قىلغان. ياپونىيە تور بەتلىرىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باش شتاب باشلىقى گېنېرال راھىل شەرىف 1 - ئاۋغۇستتا ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغاندا، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنى قاتتىق باستۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن. مانا بۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارادىكى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تەلتۆكۈس پۈتكۈزگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارىساق خاتا بولمايدۇ» دېدى.

ئەنگلىيە ب ب س نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتلىشىچە، ئەنگلىيە تەرەپ 20 - ئىيۇل «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نى خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلار قاتارىغا كىرگۈزگەن. لېكىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخى بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىدىن بۇ تەشكىلاتنى ئۆچۈرۈۋەتكەن ئىدى.

قانۇنشۇئانس يامادا:«خىتاي كومپارتىيەسى ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مەيلى قانداقلا ھەرىكەت بولمىسۇن، ئۇ ھەرىكەت كومپارتىيەگە قارشى ھەرىكەتلا بولىدىكەن ئۇنى باستۇرىدۇ. بىراق، خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىدە پەرق بار. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇش ئۈچۈن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ھازىرلىدى دېسەك خاتالاشمايمىز. بۇ دېگەنلىك، خىتاي قانۇن دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆز ھەق - ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ خىتايغا قارشىلىق بىلدۈرگەنلەرنى خالىغانچە قورال بىلەن ئۆلتۈرۈش ۋە قىرىشنى قانۇنلاشتۇردى دېگەن گەپ. لېكىن، بۇ خىل باستۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا تىنچلىقنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ؟ بۇنىسى خىتاي كومپارتىيەسىگىمۇ نامەلۇم. چۈنكى، خىتايدا ھازىر مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغانلار يالغۇز ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇلارلا ئەمەس، بەلكى تەيۋەن، خوڭكوڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە رايونلىرىدىمۇ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالدى» دېدى.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ياپونىيە تاكۇشوكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا ئېقىم مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور فۇجى گېنكى ئەپەندى بۇ ھەقتە:«بۇ قانۇننى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى دەپ ئاتىغاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلەرنى باستۇرۇش قانۇنى دەپ ئوچۇق ئاتىغان ياخشىمىكىن دەپ ئويلايمەن. سەۋەبى خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكىتىگە باغلاپ تۇرۇپ باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ھازىر ئۆز - ئۆزىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىدە بۇ خىل قانۇنلارنىڭ ھازىرلىنىشى، مېنىڭچە ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. بىراق، قورال ئارقىلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ تىنچلىققا ئېرىشىمەن دەيدىغان دەۋر ئۆتۈپ كەتتى. شۇڭا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تىنچلىق ئۈستىلىگە تىنچلىق بىلەن كېلىشى ھەم ئۆزىگە ۋە ئۆزىدىكى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان مىللەتلەرگە شۇنداقلا ئاسىيانىڭ تىنچلىقىغا كۆپ پايدىلىق دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاينىڭ باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلۋاتقانلىقى توغرىسىدا ياپونىيەدە كۆپلىگەن كىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان، ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن خىتاي ئىشلىرى مۇخەتەسسىسى،تەيۋەنلىك يازغۇچى خۇاڭ ۋېنشۇڭ ئەپەندى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ھەققىدە توختىلىپ:«مېنىڭچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قانۇننى شىنجاڭدا يولغا قويۇشى بەلكىم شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي جەھەتتىن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بىرگە بولۇشى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە يەنى تۈركلەر بىلەن قېرىنداش بولغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ شىنجاڭغا تۇتۇشۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللانغان قانۇن - تەدبىرلىرى بولسىمۇ، بىراق، بۇ قانۇن بۇ رايوندا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ دەپ قارايمەن» دېدى.

ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان يازغۇچى بەندو ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ قانۇنىنىڭ بىر خىل ئەندىشە ئىچىدە يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ :«خىتاي ۋەزىيىتىدە بىر خىل ئەنسىزلىك بار. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي ھازىر جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسىدە خەلقارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان، ياپونىيە بىلەن بولغان سېنكاكو ئارال مەسىلىسىدە ياپونىيەنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان، ئۆز ئىچىدە بولسا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغان بىر پەيتتە، خىتاي زېمىنىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ تۈرلۈك قانۇنلارنى يولغا قويۇپ كۈچىنىڭ بېرىشىچە كومپارتىيەنى ساقلاپ قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئۆز خەلقى بىلەن ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ياپونىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا جۇڭگو ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانلىرىنىڭ مۇئامىلىسىدىن ئېنىق چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ» دېدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن تا ھازىرغىچە خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇنى توغرىسىدا ياپونىيەدىكى مەتبۇئاتلاردا ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم خىتاي قانۇنىغا دائىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ئىزچىل ھالدا تەنقىدگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ بىراق، ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا خىتاينىڭ بۇ قانۇننى يولغا قويۇشىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارايدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.