غەرب مەتبۇئاتلىرى: شى جىنپىڭ زىددىيەتلىك ئادەم
2013.03.20
شى جىنپىڭ پارتىيە، ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەتتىن ئىبارەت خىتايدىكى ئۈچ چوڭ ھوقۇقنى قولىغا ئالغان، لى كېچياڭ باش مىنىستىر بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، غەرب مەتبۇئاتلىرى ئۇلارنىڭ سىياسىي سالاھىيىتى، كىشىلىك خاراكتېرىگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان باھالارنى ئېلان قىلدى.
فرانسىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 19-مارت كۈنى گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئانالىزلاردىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، بۇ ئاينىڭ باشلىرى چاقىرىلغان خىتايدىكى ئىككى يىغىندا خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇپ ئۈچ چوڭ ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان شى جىنپىڭ قارىماققا ئىسلاھاتچىدەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىدە زىددىيەتلىك ئامىللار روشەن كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۇ ئۈچ چوڭ ھوقۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن قىلغان سۆزلىرىدە، ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇش، ئاساسىي قانۇننى قوغداش، قانۇن-تۈزۈم يولىغا مېڭىش سىگنالى بېرىپ خەلقنى ئۈمىدلەندۈرگەن بولسىمۇ، قىلغان سۆزلىرىدە قارمۇ -قارشىلىقلار مەۋجۇت.
«گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ نەزىرىدىكى شى جىنپىڭ: مىللەتچىلىك قىياپىتىگە ئىگە بىر ئىسلاھاتچى» ناملىق بۇ خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىنى قىسقارتىپ ئومۇمنىڭ پۇلىنى تېجەش ۋە ئومۇمنىڭ پۇلىغا چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىشكە قارشى تۇرۇش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ جەمئىيەتتە ئىجابىي تەسىر قوزغىغان. بىراق، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بۇلار يېتەرلىك ئەمەس، بۇ ھەرگىزمۇ چېرىكلىكنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشنىڭ ياخشى تەدبىرى ھېسابلانمايدۇ. شى جىنپىڭ يەنە «پارتىيە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ كەسكىن تەنقىدلەرنى قوبۇل قىلىشى كېرەك» دېگەن بولسىمۇ، ئۆكتىچىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش جەھەتتە خۇ جىنتاۋدىن كەڭ قورساق بولالايدىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق ئىپادىسىنى كۆرسەتمىدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى شى جىنپىڭ پارتىيە ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دېڭ شاۋپىڭنى دوراپ، ئالدى بىلەن دېڭىز ياقىسىدىكى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان رايونلاردىن شېنجېن ۋە گۇاڭجۇلارنى زىيارەت قىلغان. بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە ئىسلاھاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىلىق سۆزلەپ، ئۆزىنى بىر ئىسلاھاتچى قىلىپ كۆرسەتكەن. ئەمما شۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئىچكى يىغىندا قىلغان سۆزى ئۇزۇن ئۆتمەي ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىپ كېتىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلىغان. بۇ ئىچكى يىغىندا شى جىنپىڭ گورباچېفنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەبچى بولدى دەپ ئەيىبلەپ، كىشىلەرنى سوۋېت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن تراگېدىيىنىڭ خىتايدا قايتا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغان. شى جىنپىڭ سۆزىدە «سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ بىر پارتىيىنىڭ بىتچىت بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەب، ئەينى چاغدا گورباچېفقا قارشى تۇرىدىغان ئەركەكچىلىكى بار بىر ئادەمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقالمىغانلىقىدا» دېگەن. ئۇ مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە مۇدىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە قىلغان سۆزىدىمۇ، «چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئەدلىيە ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىگە تايىنىپ ئەمەس، بەلكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەخلاق سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تايىنىپ تاماملاش كېرەك» دېگەن.
«گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ نەزىرىدىكى شى جىنپىڭ: مىللەتچىلىك قىياپىتىگە ئىگە بىر ئىسلاھاتچى» ناملىق خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تاشقى مۇناسىۋەت جەھەتتە شى جىنپىڭ قويۇق مىللەتچىلىك تۈسىگە ئىگە بىر ئادەم. ئۇ قۇدرەتلىك بىر جۇڭگو قۇرۇش، دېڭىز يۈزىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇش خىيالىدا. ئەمما ئۇنىڭ قانچە ئۇزۇنغا ماڭالايدىغانلىقى توغرىلىق ئىشەنچلىك كاپالەت يوق.
گېرمانىيىدە نەشردىن چىقىدىغان «ئەينەك» ژۇرنىلىدا تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ زىددىيەتلىك بىر ئادەم. ئۇ دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەمما سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك پارچىلىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىشتا چىڭ تۇرىدۇ، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ، ئەمما پەقەتلا جۇڭگوچە چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالى كۈچلۈك بىر جۇڭگو قۇرۇپ ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىش. ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتسىلا، ئەپيۈن ئۇرۇشى، سەككىز دۆلەتنىڭ بىرلەشمە تاجاۋۇزى، ياپون تاجاۋۇزى قاتارلىق ھاقارەتلىك تارىخلارنى يۇيالايدۇ ۋە خىتاينىڭ كەمسىتىلىش تارىخىغا خاتىمە بېرەلەيدۇ. ئەپسۇسكى، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشىگە غەرب ئەللىرى ئانچە ئىشەنمەيدۇ.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 16-مارتتىكى «لى كېچياڭ باشقىلارنى رەنجىتىشى كېرەك» ناملىق خەۋىرىدە، 15-مارت كۈنى خىتاينىڭ باش مىنىستىرى بولۇپ سايلانغان لى كېچياڭ ھەققىدە بەزى باھالار ئېلان قىلىنغانىدى. خەۋەردە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىر لى كېچياڭلارنىڭ باشقىلارنى رەنجىتمەيدىغان قابىلىيەتكە ئىگە ئادەملەر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. بولۇپمۇ لى كېچياڭ گەرچە خىتايدىكى بىلىم ئۇنۋانى ئەڭ يۇقىرى باش مىنىستىر بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىسلاھات ئېلىپ بارالايدىغان، خىتاينى رەتكە سالالايدىغان خاراكتېرگە ئىگە ئادەم ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنىڭ پەقەتلا شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. خەۋەردە يەنە، لى كېچياڭنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا، ئۇنىڭ خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ بىلىملىك باش مىنىستىر سانىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىرگە ئوقۇغان بەزى ساۋاقداشلىرىنىڭ ھازىر خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى كۈچلەر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 18-مارتتىكى «لى كېچياڭنىڭ تۇنجى ئويۇنى: مۇخبىرلار توپ بولۇپ ئوينالدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 17-مارت كۈنى لى كېچياڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ ئۇنىڭ باش مىنىستىر بولۇپ سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق خىتاي ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى رەسمىي قوبۇل قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىغىندا بىر مەيدان مايمۇن ئويۇنى بولۇپ ئۆتكەن. ئەينى چاغدا خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ شەخسىي مۈلكىنى ئاشكارىلىۋەتكەن «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشى چەكلەنگەن. ياپونىيە مۇخبىرلىرىغا سوئال سوراش پۇرسىتى بېرىلمىگەن. يىغىندا سوئال سورىغانلار ئاساسەن شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى، مەركىزى ت ۋ ئىستانسىسى قاتارلىق خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بولغان.
ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان خىتاي زىيالىيسى بېي فىڭنىڭ گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتايلار بۇ قېتىمقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ تەييارلىقىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان. باش مىنىستىر لى كېچياڭدىن كىم، قانداق سوئالنى سورىشى لازىملىقى ئالدىن بېكىتىلگەن. بەزى خىتايلار ھەتتا چەتئەل مۇخبىرى قىياپىتىگە كىرگۈزۈلگەن. سورالغان سوئاللار خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، خىتاي باش مىنىستىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان سوئاللار بولغان. ئۆكتىچى كۈچلەرگە، چەتئەل مۇخبىرلىرىغا بەزى نازۇك مەسىلىلەر توغرىلىق سوئال سوراشقا پۇرسەت قالمىغان. بۇ سەۋەبتىن، بۇ يىغىن توغرىسىدىكى بەس-مۇنازىرىلەر خىتاي تور بەتلىرىنى قاپلىغان. كىشىلەر بۇنى ساختا بىر يىغىن ھېسابلاپ تەنقىدلىگەن ۋە سوئال سوراشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇخبىرلارنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.