كەنت سېكرېتارى: يېشىل كارت ئەمەلدىن قالىدۇ، ئەمما نازارىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.04.18
qolaylik-kart.jpg يېڭى چىقىرىلغان «قولاي كارت»
RFA/Ihsan

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان ئاخباراتى بولغان تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىل 1-مايدىن باشلاپ يېشىل كارتنىڭ ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر «ئاپتونوم رايون تەدبىر قوللىنىپ ئاممىنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ» دېگەن ماۋزۇدا بېرىلگەن بولۇپ، خەۋەردە يېشىل كارتنىڭ ئاممىنىڭ نارازىلىقىغا ئاساسەن بىكار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ چاغراق يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى 1-مايدىن باشلاپ يېشىل كارت ئەمەلدىن قالغان بىلەن نازارەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، بولۇپمۇ نۇقتىلىق ئائىلىلەرگە قارىتا نازارەتنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۇقتىلىق ئائىلە ئەزالىرى كەنتنىڭ سىرتىغا چىقسا تېلېفونى يېزىلىق ئەدلىيە پونكىتى تەرىپىدىن 24 سائەت تىڭشىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.