جۇ يۈڭكاڭنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرى مۇنازىرە قوزغىدى

0:00 / 0:00



1 - دېكابىر كۈنى خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى، خىتاي سىياسى بيۇرۇسىدىكى 9 ئەزانىڭ بىرى بولغان جۇ يۈڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ ئايالى قاتارلىقلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى. خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە تور گېزىتلىرى خەۋەرلىرىدە جياڭ زېمىننىڭ يېقىن ئادىمى جۇ يۈڭكاڭنىڭ قولغا ئېلىنىشى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشماقتا.

دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىدا بولسۇن.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 5 - دېكابىرغىچە، سابىق خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ يېقىن ئادىمى بولغان جۇ يۈڭكاڭنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە رەسمىي خەۋەر بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خىتاي سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۈڭكاڭنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلماقتا.

جۇ يۈڭكاڭنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە، جۇ يۈڭكاڭنىڭ ئىلگىرىكى ئايالىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەئىسى شى جىڭپىڭنى قەستلەشكە ئۇرۇنۇش ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، خىتاي مەركىزى بيورۇسىدىكى 7 دائىمىي ھەيئەتنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن رەسمىي قولغا ئېلىشقا تەستىقلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

جۇ يۈڭكاڭنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تۇنجى بولۇپ، تەيۋەندە چىقىدىغان «بىرلەشمە خەۋەر گېزىتى» نىڭ 2 - دېكابىر كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىندى. تەيۋەن«بىرلەشمە خەۋەر گېزىتى» خىتايدىكى ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 1 - دېكابىر كۈنى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن جۇ يۈڭكاڭنى رەسمىي قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

2 - دېكابىردىن باشلاپ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن رويتېرس، گېرمانىيە ئاۋازى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق غەرب مەتبۇئاتلىرى، ياپونىيە، خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرى ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور خەۋەرلىرىدە جي يۈڭكاڭنىڭ جوڭنەنخەيدىكى ئۆيىدە قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىكى جىنايى پاكىتلار ھەققىدە خەۋەر ۋە ئانالىزلار تارقالدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 5 - دېكابىردىكى خەۋىرىدە، دائىرىلەرنىڭ «بۇندىن ئالتە ئاي ئىلگىرىلا جۇ يۈڭكاڭنىڭ چەتئەلدىكى ئوغلى جۇ نىينى بېيجىڭغا چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بىۋاستە جۇ يۈڭكاڭنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان نېفىت ساھاسىدىكى جاڭ جېمىن قاتارلىق تۆت چوڭ ئەمەلدارنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشىغا ئائىت ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەنلىكى، ھازىر نېفىت ساھەسىدىكى پارىخورلۇققا چېتىلىپ نۇرغۇن ئەمەلدارلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، ئەگەر جۇ يۈڭكاڭ ئۈستىدىنمۇ ئۇنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشىغا دائىر رەسمىي دېلو تۇرغۇزۇلسا، ئۇ ھالدا جۇ يۈڭكاڭ دېلوسىنىڭ خىتايدا ھازىرغىچە پاش بولغان ئەڭ چوڭ پارىخورلۇق دېلوسى بولىدىغانلىقى» خەۋەر قىلىندى.

خىتاي دېموكراتلىرى تور بېكەتكلىرىدىن ئاپوللو تورىنىڭ 5 - دېكابىردىكى سانىدا «كاتىپ ئېلىپ كېتىلدى،لەنجەن تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى،جۇ يۈڭكاڭ ئۆزىگە شى جىڭپىڭنى قەستلەش جىنايىتى ئارتىلغانلىقىنى ئاڭلاپ نەق مەيداندا ھۇشىدىن كەتتى» دېگەن ماۋزۇ قويۇلغان تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە جۇ يۈڭكاڭغا ئارتىلغان جىنايەتلەر تونۇشتۇرۇلۇپ،«مەركىزىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۈڭكاڭ قەستلەش جىنايىتىگە چېتىلدى. ئۇ مەركىزىي ھۆكۈمەت رەھبىرىنى قەستلەشكە ئۇرۇنۇش، مىقدارى زور بولغان، كۆپ خىل پارىخورلۇق دېلولىرىغا چېتىلدى. بۇ خىتاي كومپارتىيىسى تارىخىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ دېلو بولدى» دېيىلدى.

خەۋەردە يەنە جۇ يۈڭكاڭنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى قارارنى ئاڭلىغان چاغدىكى مەنزىرە مۇنداق بايان قىلىندى.«1 - دېكابىر يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن، جۇ يۈڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ ئايالى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى قارارىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جۇ يۈڭكاڭ نەق مەيداندا ھۇشىدىن كېتىپ، يەرگە يىقىلدى. خىتاي مەركىزىي بيۇرۇسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليەن جەن جۇ يۈڭكاڭنىڭ جۇڭنەنخەيدىكى ئۆيىدە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ جۇ يۈڭكاڭ ھەققىدىكى قارارىنى ئوقۇدى.» خەۋەردە يەنە، خىتاي كوپارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ قارار ئېلىش جەريانى بايان قىلىنىپ،«4 - دېكابىر كۈنى خىتاي مەركىزىي بيۇرۇسىنىڭ دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنىدا، مەركىزىي بيۇرۇنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ جىشەن، جۇ يۈڭكاڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈش دوكلادىنى تونۇشتۇردى. جۇ يۈڭكاڭنىڭ كاتىبى جاۋ خۇڭ، مۇھاپىزەتچىسى ۋە شوپۇرى قاتارلىقلارمۇ مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلدى» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تور بېكەتلىرىدىن بوشۈن تورىنىڭ جۇ يۈڭكاڭنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە يەنە «ئەگەر جۇ يۈڭكاڭ دېلوسى رەسمىي تۇرغۇزۇلسا، ئۇ ھالدا جۇ يۈڭكاڭ خىتاينىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى تارىخىدا جازاغا تارتىلغان 2 - نومۇرلۇق شەخس بولۇپ قالىدۇ» دېيىلدى. چەتئەللەردىكى خىتاي خەۋەر تورلىرىدىن يېڭى تاڭ تور تېلىۋىزىيىسىنىڭ ئوبزورچىسى شى تاۋ 5 - دېكابىر كۈنى بوشۈن تورىنىڭ بۇ خەۋىرى ھەققىدە توختىلىپ، «ئەگەر جۇ يۈڭكاڭ خىتايدا جازالانغان 2 - نومۇرلۇق ئەمەلدار بولسا، ئۇ ھالدا 1 - نومۇرلۇق ئەمەلدار ئەلۋەتتە جاڭ زېمىننى كۆرسەتسە كېرەك. قارىغاندا شى جىڭپىڭ بۇ قېتىم جىياڭ زېمىن گۇروھىنى يوقىتىشقا بەل باغلىغان بولسا كېرەك» دېگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ 5 - دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە بولسا، خىتايدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەمەلدارلار ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلار نەقىل ئېلىنىپ، جۇ يۈڭكاڭغا ئاساسلىقى ئىلگىرىكى ئايالىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، شى جىنپىڭغا قەست قىلىشنى پىلانلاش ۋە پارىخورلۇق جىنايەتلىرى ئارتىلىشى مۇمكىنلىكى، ئەمما خىتاي مەركىزى كومىتېتى ئىچكى قىسمىدىكى ئۆتكۈر كۈرەش سەۋەبىدىن، ھازىرچە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا جۇ يۈڭكاڭنى قولغا ئالغانلىق خەۋىرىنى ئاشكارىلىمىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.