ئادۋوكات ئىلياس دوغان: «د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئەنقەرەدىن قايتۇرۇۋېتىلىشى تۈركىيە قانۇنىغا خىلاپ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-09-20
Share
ئادۋوكات ئىلياس دوغان: «د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئەنقەرەدىن قايتۇرۇۋېتىلىشى تۈركىيە قانۇنىغا خىلاپ» د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئادۋوكاتى، ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلياس دوغان ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2021-يىلى 18-سېنتەبىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەنقەرەدە بالنىستا يېتىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ سابىق قۇرغۇچى رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىنى يوقلاش ئۈچۈن 18-سېنتەبىر كېچە سائەت 1:30 دا ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دولقۇن ئەيسا ھەققىدە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دېگەن ئىچكىي قارار چىقىرىپ، ئۇنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىنى ئىككىنچى قېتىم چەكلىگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنىڭ كۈتىۋالغىلى كەلگەن ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشسە بولىدىغانلىقىنى، ئېيتىپ قايتۇرىۋەتكەن.

دولقۇن ئەيسانىڭ ئادۋوكاتى، ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلياس دوغان ئەپەندى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تېخى گېرمانىيەگە ئۇچماستىنلا ئەنقەرەدىكى ئەسەنبوغا ئايرىدرومدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن 18-سېنتەبىر، بۇ باياناتنى بېرىشىمدىكى سەۋەپ تۈركىيەگە كىرىشى چەكلەنگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈندۇر. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ھازىر ئەنقەرەدە دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىننى يوقلاش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ئىدى. ئەپسۇسكى، ئەنقەرەدىكى ئايرودرومىنىڭ پاسپورت كونترولىدىكى ساقچىلار ئۇنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە، دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كىرىشىگە ئىككىنچى قېتىم چەكلىمە قويۇلۇپتۇ.»

ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئەپەندى، دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنىڭ 6-سېنتەبىر كۈنى ئەنقەرە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۇرۇن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە قويۇلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن 2020-يىلى 11-ئايدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى سوتقا بەرگەن ئىدۇق. ئەنقەرە بىرىنچى مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلغان ئىدى. بۇ ھەقتە 6-سېنتەبىر كۈنى كۆچمەنلەر ئىدارىسى ماڭا رەسمىي خەت ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ خەتتە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنغانلىقى يېزىلغان. ئەپسۇسكى، سوتتىن بۇ قارار چىقىپ 2 كۈندىن كېيىن، تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككىنچى قېتىم دولقۇن ئەيساغا يەنە چەكلىمە قويغانلىقىنى ئەمدى ئۇققان بولدۇق.»

ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئەپەندى باياناتىدا تۈركىيەدە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قارارلىرىنىڭ ھېچقانداق رولى قالمىغانلىقىنى، بۇ تۈركىيە ئۈچۈن نومۇس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى نومۇسلۇق بىر ئىش قىلدى. بۇنىڭدىن تۈركىيەدە سوت مەھكىمىلىرى چىقارغان قارارلارنىڭ ھېچقانداق ئۆنۈمىنىڭ قالمىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتۇق. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە قويۇلغان بۇ چەكلىمە تۈركىيە قانۇنىغا خىلاپتۇر، قانۇنسىزلىقتۇر، شۇڭا بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئالىي سوتقا ئەرز قىلىمىز.»

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2008-يىلى دولقۇن ئەيسانى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دېگەن باھانە بىلەن تۈركىيەگە كىرىشىنى تۇنجى قېتىم چەكلىگەن ئىدى. 2016-يىلى 10-ئايدا ئۇنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىى قوبۇل قىلىپ، بۇ جەريانلار توغرىسىدا توختالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھېچقانداق بىر «جىنايەت» سادىر قىلمىغانلىقىنى، بۇرۇن نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇشۇنداق چەكلىمە قويغان بولسىمۇ، ئەمما قانۇنىي جەھەتتىكى كۈرەشلەر نەتىجىسىدە بىكار قىلدۇرغانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم ئەنقەرە سوتىنىڭ قارارىغا پىسەنت قىلماي ئۇنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىنى يەنە چەكلىگەنلىكىنى تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوتىغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ يەردە ھەل بولمىسا ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربتىكى 7 دۆلەت پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەنىڭ د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيساغا يەنە چەكلەمە قويۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن بەزى مەنپەئەتلەرنى كۈتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپول دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن 1997-يىلى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرىقى چىقارغان ئىدى. بىراق ئىنتېرپول بۇ تۇتۇش بۇيرۇقىنى 2018-يىلى بىكار قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت