2012-يىلدىن باشلاپ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىش دولقۇنى قوزغالغانىدى. خىتاينىڭ سىياسىي ۋە دىنىي زىيانكەشلىكىدىن قاچقان بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلار خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيتتى.
ئەينى ۋاقىتتا ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن نازىگۈل ئەنۋەر بۇ مۇساپىرلار توپىدىكى ئاتا-ئانىسىز «ھىجرەت» كە چىققان يېشى ئەڭ كىچىك مۇساپىر ئىدى. ئۇنىڭ 2014-يىلى باشلانغان بۇ «ھىجرەت» سەپىرى نەق بىر يىل 7 ئاي داۋام قىلىدۇ.
ئاخىرى، ئۇ 2016-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ، بۇ يەردىكى ئاتا-ئانىسى بىلەن جەم بولۇشقا مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھەممە ئۇيغۇر بالىسى ئۇنىڭدەك تەلەيلىك ئەمەس ئىدى. بۇ سەپەردە بەزى بالىلار ئانىسىز، بەزى بالىلار ئاتىسىز قالىدۇ. ئۇيغۇر مۇساپىرلار توپىدىكى بۇ كىچىك «ھىجرەتچى» قىزچاق، نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى.
بىز 2-ئىيۇن كۈنى 8 ياشلىق نازىگۈل ۋە ئۇنىڭ دادىسى ئەنۋەر تۇردىنى زىيارەت قىلىپ، كىچىك نازىگۈلنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا سەپىرىنى سۆزلەشتۇق. تۆۋەندە دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ سۆھبەت پروگراممىسىدا بولسۇن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.