«دېموكراتچى» خىتاي تاڭ يۈەنجۈننىڭ جاسۇسلۇق دېلوسى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قاتتىق چۆچۈتكەن
2024.08.26
21-ئاۋغۇست كۈنى نيۇ-يوركتا تۇرۇشلۇق تاڭ يۈەنجۈن ئىسىملىك بىر «دېموكراتچى» خىتاي 2018-يىلدىن 2023-يىلغىچە خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە جاسۇسى بولۇپ ئىشلىگەنلىك جىنايىتى بىلەن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن تاڭ يۈەنجۈن 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا قاتناشقان ئىكەن. ئۇ شۇ سەۋەبلىك ئەينى ۋاقىتتا قولغا ئېلىنىپ، 20 يىللىق قاماققا كېسىلگەن ئىكەن، ئەمما تۈرمىدە 8 يىل ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكاغا كەلگەن ئىكەن. ئۇ، ئامېرىكادا سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكادىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتى (NED) قوللىغان خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان ۋە ھەتتا بىر قىسىم تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلغان ئىكەن. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەيىبنامىسىدە دېيىلىشىچە، تاڭ يۈەنجۈن ئامېرىكادا تۇرۇپ كوممۇنىست خىتايغا قارشى شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى، جۈملىدىن خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە كوممۇنىست خىتايغا قارشى شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا يەتكۈزگەن. ئۇ ئالاھىدە ئېلخەت ئادرېسى، شىفىرلىق تور سۆھبىتى، قىسقا ئۇچۇر، ئۈن-سىنلىق پاراڭلىشىش قاتارلىق يوللار بىلەن خىتايغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن.
بۇ خەۋەر كەڭ تارقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىگە دائىر تەشكىلاتلار ھەم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشقان. ئۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرىدە ئۆزلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرغان بىرسىنىڭ كوممۇنىست خىتايغا ئىشلەيدىغان جاسۇس بولۇپ چىققانلىقىدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىگىمۇ بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇۋەققەت دىرېكتورى مايا ۋاڭ ئۆزىنىڭ لىنكدىن ھېسابىدا بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ ئائىلىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ئارقىلىق ئۇلاردىن ئۇچۇر تەلەپ قىلىدىغانلىقى؛ ئىنگلىزچە سۆزلىيەلمەيدىغان ۋە ياشانغان خىتاي پائالىيەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىشتىن باشقا ئامالى يوق دەپ قاراپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى تاللاش ئېھتىماللىقنىڭ يۇقىرىلىقىنى يازغان. ئۇ يەنە بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيەتچىلەرنىڭ چەمبىرىكىگە كەلتۈرگەن زىيىنىنىڭ ناھايىتى چوڭ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مايا ۋاڭ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خەۋەرنىڭ كىشىلەرنى بۇنچىلىك چۆچۈتكەنلىكىنىڭ سەۋەبى، ئۇ كىشى مۇشۇ پائالىيەتچىلەرنىڭ چەمبىرىكىدە تونۇلغان بىرسى بولغانلىقىدىندۇر. بۇ خەۋەر يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئارىلىشىۋاتقانلىقى، جاسۇسلۇق قىلىۋاتقانلىقى، پائالىيەتچىلەرگە قارىتا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا.»
ئەلفىدار خانىم يەنە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئارىسىدىكى «ۋەتەنگە قايتتۇق» ، «ئاتا-ئانامنى ۋە قېرىنداشلىرىمنى كۆرگىلى باردىم» دېگەندەك ناملاردا خىتايغا بېرىپ-كېلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق مەسىلىگە قارىتا ناھايىتى سەزگۈر بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يېقىندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا، يۇرتىغا ئاتا-ئانىسىنى يوقلىغىلى بېرىپ، ئۆزلىرى پۇقرالىق ئالغان دۆلەتكە قايتىپ كەلگەن، ئەمما كىملىكى نامەلۇم بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇرلىرى تارقالغان. ئاۋازلىق ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، ئۇلار ۋىزا ئېلىپ يۇرتىغا ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن بارغاندا، ئالدى بىلەن يەرلىك ساقچىلارنىڭ ئىشخانىسىغا چاقىرتىلغان. ساقچىلار ئۇلاردىن قايتقاندىن كېيىنمۇ ساقچىلار بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ قويماي ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشسا، ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى ۋە يۇرتىدىكى ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ھەر خىل يۇمشاق-قاتتىق سۆزلەر ئارقىلىق ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە جاسۇس بولۇپ بېرىشكە قىستىغان.
فىرانسىيەلىك ئۇيغۇر پائالىيەتچى دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ ئارىسىغا جاسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىشەنچسىزلىك تۇغدۇرىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ «پارچىلاپ يېيىش» ئىستراتېگىيەسى ئىكەنلىكنى ئەسكەرتتى.
مايا ۋاڭ پائالىيەتچىلەر ئارىسىدا تۇغدۇرۇلغان ئىشەنچسىزلىك ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن تاڭ ئەپەندىنى تونۇمايمەن. ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن جاسۇسلۇق قىلغىنىنىمۇ ئۇقمايمەن. شۇڭا مەن بۇ پائالىيەتچىلەر ئارىسىدىكى بىرى-بىرىدىن ھودۇقۇش، ئىشەنچسىزلىكنى چۈشىنىمەن. كىمنىڭ جاسۇس، ئىشپىيون ئىكەنلىكىنى بايقاش بەك تەس. شۇڭا قاتتىق ھوشيار بولۇش بىلەن بىرگە، يەنىلا بىرلىشىشىمىز، بىر-بىرىمزگە تايىنىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. ئارىمىزدىن ‹خائىن› چىقىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بىزنىڭ بىرلىكىمىزنى ۋە ئەسلىدىكى نىشانىمىزنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماسلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.»
«ئەل-جەزىرە» قانىلىنىڭ تاڭ يۈەنجۈننىڭ جاسۇسلۇق دېلوسى ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تاڭ يۈەنجۈن توغرىلىق ئىنكاس بىلدۈرۈشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ دېلوسىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.