د ئۇ ق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى
2025.01.14

11 يىلدىن بۇيان تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرۋاقىت خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتىنى كۈچلۈك ئەندىشىلەندۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. يېقىندا تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى يەنە بىر قېتىم جىددىيلەشتۈرمەكتە.
بۈگۈن، يەنى 14-يانۋار كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ، د ئۇ ق نىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تارماق ئورگانلىرى، ئىشخانىلىرى ۋە مەسئۇل خادىملىرى، شۇنداقلا ھەرقايسىي دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى «يەر شارى خاراكتېرلىك ئەركىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى نامايىشى» ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلدى. ئۇ باياناتىدا 17-يانۋار، يەنى جۈمە كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى تايلاند ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، ئاممىۋى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى بۇ قېتىملىق دۇنياۋى كۆلەملىك نامايىشقا چاقىرىشتىكى سەۋەبلەر ۋە تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس چاقىرىقىدا مۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇيغۇرلارنى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تايلاند ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىمىز. ھەممىمىز بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، تايلاندتا ئۇزۇن يىللار ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلار زورلۇق بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە، ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، تۈرمىگە تاشلىنىشى، ھەتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى ئېنىق».
يىللاردىن بۇيان تايلاندتا تۇتۇلۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە يېقىندىن ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پولات سايىم ئەپەندى، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئېلىپ بېرىلغان لوبى پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئىگىلىشىمىزچە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر د ئۇ ق نىڭ بۇ ھەقتىكى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان، شۇنداقلا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ ئىشقا كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدىغان لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىنى جىددىي قانات يايدۇرغانلىقى مەلۇم. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەلچەم مەمتىمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 13-يانۋار كۈنى نورۋېگىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى ۋە نورۋېگىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جىددىي ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى نامايىش چاقىرىقىدا مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: «ب د ت ۋە باشقا بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا، كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشلىرىغا، شۇنداقلا ۋە ھەققانىيەتنى ياقىلايدىغان بارلىق ئىنسانلارغا شۇنى چاقىرىق قىلىمىزكى، ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلار ھەرقانداق ۋاقىتتا خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى، ئۇلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك. بىز خەلقئارا جەمئىيەتتىن بۇنىڭ ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىمىز!».
ئىگىلىشىمىزچە، 17-يانۋار ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدە شىۋېيتسارىيە، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بىرلا ۋاقىتتا شۇ دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق تايلاند ئەلچىخانىلىرى ياكى كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتىكەن.