ئالمۇتىدا 12 ياشلىق كېسەل قىزغا ياردەم بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان 12 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى مۇنىرەنىڭ داۋالىنىش چىقىمى ئۇچۇن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

0:00 / 0:00

ئىئانە توپلاش پائالىيىتى كونسېرت ئۇيۇشتۇرۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، كونسېرتتا چۈشكە بېلەت پۇلى نۆۋەتتە راك كېسىلى بىلەن رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا داۋالىنىۋاتقان مۇنىرەگە يەتكۈزۈلىدىكەن. بۇ قىزنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن 170 مىڭ دوللار كېتىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلايسىلەر.