5 - ئىيۇل مەزگىلىدە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلىرى تۇتقۇن قىلىندى
2012.07.06

بېيجىڭدىكى ئەرزدارلارنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن بېيجىڭغا ئەۋەتىلگەن ساقچى ھەم كادىرلار، بېيجىڭدىكى ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى باشلىغان. ساقچىلار بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسى - قانۇن كومىتېتى ئالدىدا ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى شۇنداقلا باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىدىن يىگىرمە نەچچە كىشىنى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى يۇرتلىرىغا ئېلىپ كەتكەن، قالغانلىرىنى بېيجىڭدىكى شىنجاڭ ئىش بېجىرىش ئورنى، قەشقەر ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىق جايلارغا نەزەربەند قىلغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەرزدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلاردىن ئاقسۇ ئۇنسۇ ناھىيىسىدىن يەر دەۋاسى قىلىپ كەلگەن ئون نەچچە دېھقان، ئەرزىنى يۇرتلىرىدا ھەل قىلىشقا ۋەدە بېرىپ، ئېلىپ كېتىلىپ نەزەربەند قىلىنغان. ئۇندىن باشقا بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىدىن يەنە يىگىرمە نەچچە كىشى 1 - ئىيۇلدىن باشلاپ يۇرتلىرىدىن ئەۋەتىلگەن ساقچى، كادىرلارغا بېيجىڭدىكى يەرلىك ساقچىلارنىڭ ماسىلىشىشى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل تۇتقۇن قىلىش 4 - ئىيۇل كۈنى ئەڭ قاتتىق بولغان. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4 - ئىيۇل كۈنى ئەرزدارلارنىڭ ھەمراھلىرىدىن شىخەنزىدىن كەلگەن غازى ھامۇت دەم ئېلىۋاتقان جايىدىن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىنىشتىن ساقلىنىپ قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەرزدارلىرى بولسا، يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۆكۈپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇلتۇردىن بۇيان جايلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئەرزدارلارنىڭ مەسىلىسىنى ئامال بار ئۆز يۇرتلىرىدا ھەل قىلىش، نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۈرۈمچى ھەم بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا كەتكەن ئەرزدارلارنى ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەر ئۆزلىرى ئادەم ئەۋەتىپ قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان. بولۇپمۇ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئۈچ يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلاشقان مەزگىلدە، دائىرىلەر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش نامىدا، ئۈرۈمچى، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىغا قارىتىلغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئەرزدارلارغا ھەر خىل ۋەدىلەرنى بېرىپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېتىش ئۇسۇلىنى قوللانغان.