شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇھەررىرى ئاشكارىلىغان 5 - ئىيۇل ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئىچكى مەلۇمات

بوشۈن تورى 24 - ماي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرىنىڭ لىكسىيىسىدە ئاشكارىلانغان "5 - ئىيۇل ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئىچكى مەلۇمات دىققەتنى تارتىدۇ" ناملىق بىر خەۋەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ خەۋەر 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى فرانسىيە رادىئو ئاخبارات تورىدا بېرىلگەن.

0:00 / 0:00

خەۋەردە ھازىرغىچە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاشكارىلانمىغان بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى شيا لىننىڭ لىكسىيىسىدە ئاشكارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شيالىن تيەنجىن چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا لىكسىيە سۆزلىگەن ۋاقتىدا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن، ئەمما سىرتقا ئاشكارىلانمىغان 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە ئائىت بەزى مۇھىم ئۇچۇرلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى شيا لىننىڭ لىكسىيىسىدە ئاشكارىلانغان 5 - ئىيۇل ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئىچكى مەلۇماتتا ئىككى مۇھىم نۇقتا ئورۇن تۇتقان بولۇپ، بىرىنچىسى، " ئۇيغۇر توپىلاڭچىلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل كۈنى خىتاي پۇقرالىرىغا ئەجەللىك زەربە بەرگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا قارىتا دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ جىددىي تەدبىر قوللانمىغانلىقى، ئەكسىچە توپىلاڭنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا يول قويغانلىقى"، ئىككىنچىسى "7 - ئىيۇل يۈز بەرگەن ئۇيغۇر - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشنىڭ پۈتۈنلەي يوشۇرۇلغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ۋەقەدە بىرمۇ ئادەم ئۆلمىدى دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شىنخۇا تورى مۇخبىرلىرىنىڭ دوختۇرخانىلاردىكى جەسەتلەر ۋە يارىدارلارنى سۈرەتكە تارتىۋالغانلىقى، كىشىلەرنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى مەلۇم دەرىجىدە بىلسىمۇ، 7 - ئىيۇل ۋەقەسىنى بىلمەيدىغانلىقى" ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى شيا لىن لىكسىيىسىدە مۇنداق دېگەن: "5 - ئىيۇل كۈنى بىر قىسىم ئۇيغۇر توپىلاڭچىلىرىنىڭ ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كۆپ يۈز بەردى. پۇقرالار ئاپتوبۇسقا چىقىپ بولغاندىن كېيىن، توپىلاڭچىلار ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىنى توسۇپ توختىتىپ، خىتاي پۇقرالىرىنى ئاپتوبۇس بىلەن قوشۇپلا تىرىك كۆيدۈرۈۋەتتى."

ئۇ يەنە، 5 - ئىيۇل كۈنى كوچىدا يېتىپ كەتكەن خىتايلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئىنتايىن ئاز ئېلان قىلغانلىقىنى، ھەقىقىي ۋەقەلەر كەڭ كۆلەمدە ئاشكارىلانغان تەقدىردە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئۇيغۇرلارغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشتىن ساقلانماق تەسلىكىنى تىلغا ئالغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرىنىڭ لىكسىيىسىدە ئېيتىلىشىچە، 7 - ئىيۇلدىكى خىتايلارنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك توپىلىڭىمۇ قانلىق ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار پۈتۈنلەي باستۇرۇۋېتىلگەن. ئەمما، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دوختۇرخانىلاردىكى يارىدارلار ھەم جەسەتلەرنى سۈرەتكە تارتىۋالغان ۋە بۇ سۈرەتلەرنى ئىتالىيىدىكى گ8 يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان خۇ جىنتاۋغا بارلىق ئىچكى ماتېرىياللار بىلەن قوشۇپ يوللاپ بەرگەن. خۇ جىنتاۋنىڭ گ8 يىغىنىدىن 8 - ئىيۇل كۈنى دەرھال قايتىپ كېلىشى، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغانلىقىدىن بولغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بۇ قېتىمقى لىكسىيىسىدە، 5 - ئىيۇل كۈنى خىتايلارنىڭ ناھايىتى ئېچىنىشلىق دەرىجىدە ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، 7 - ئىيۇل كۈنى ئۆلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ سانى ھەققىدە پىكىر بايان قىلمىغان. لېكىن 7 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭمۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدەكلا دەھشەتلىك بولغانلىقىنى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاينىڭ 27 ئۆلكىدىكى زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ساقچى ئەترىتىنىڭ ھەممىسىنىڭلا دەرھال ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلىپ، تەرتىپ ساقلاشقا سېلىنغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى 7 - ئىيۇلدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ كەلدى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفۇن ئالاقىلىرىنى شۇنچە ئۇزۇن ئۈزىۋېتىشىنىڭ دەل مۇشۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەل - تۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە 5 - ئىيۇلغا مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر قولغا ئېلىنىپلا قالماي، ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش باھانىسىدا مىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۈرمىلەرگە بەنت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 7 - ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش سەۋەبىدىن شەھەر ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ قوللىرىغا ھەرخىل نەرسىلەرنى ئېلىپ قارشىلاشقان. ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى 7 - ئىيۇلدىكى خىتايلارنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك توپىلىڭىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بارلىقىنى ۋە خىتايلارنىڭ ئۇرۇپ - چېقىش، ئۆلتۈرۈشتەك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە ساقچى ۋە ئارمىيىنىڭ سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى شيا لىن تيەنجىندە ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن لىكسىيىسىدە، 7 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ تېخىمۇ دەھشەتلىك بولغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ خەۋىرىنىڭ قاتتىق قامال قىلىنغانلىقىنى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ۋەقەلەر توغرىسىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىنتايىن چەكلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.