دىلمۇرات پەرھات: 'ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە'

"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن، " دىيارىم"، " سەلكىن"،" ئۇيغۇربىز" قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھېلىغىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.

0:00 / 0:00

"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن، " دىيارىم"، " سەلكىن"،" ئۇيغۇربىز" قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھېلىغىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.

بۈگۈن دىيارىم تور بېتىنىڭ چەتئەللەردىكى ساھىبلىرىدىن بىرى بولغان دىلمۇرات پەرھات رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىيارىم تور بېتىنىڭ ساھىبى ئىنىسى دىلشات پەرھات قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان 192 بەتلىك دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلارنىڭ تەقدىرى ۋە ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئالاھىدە ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009 - يىلى" 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەم ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىپ، ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان " دىيارىم" قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغان مەزگىلى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىلىباندنىڭ خىتاي زىيارىتىنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرۇپ، لوندونغا قايتقان ۋاقتىغا توغرا كەلگەن.

بۈگۈن دىيارىم تور بېكىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ساھىبلىرىدىن، ئەنگلىيىدە تۇرۇۋاتقان دىلمۇرات پەرھات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئۆزىدىن دىيارىم تور بېتىنىڭ ساھىبى ئىنىسى دىلشات پەرھات ھەم باشقا ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىلىباندنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى، يەنى 12 - مارت كۈنى ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىنىسى دىلشات پەرھات، نۇرئەلى، غەيرەت نىياز، مەمەتجان قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

دىلمۇرات پەرھات ئەپەندى، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى داۋىد مىلىباننىڭ خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا دىيارىم تور بېكىتىنىڭ ساھىبى، ئىنىسى دىلشات پەرھات قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى ھەم بۇ تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سوتلانغان تەقدىردىمۇ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنى ئادىل سوتلاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

دىلمۇرات پەرھات يەنە ئىنىسى دىلشات پەرھات قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقاندىن بۇيان، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەم كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەم بۇ قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد مىلىبان خىتاي زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆزىگە خەت ئەۋەتىپ بۇ قېتىملىق زىيارەتتە ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بەزى تەلەپلەرنى قويغانلىقىنى بايان قىلدى.

دىلمۇرات پەرھات زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ يەنە ئۆزىنى دىيارىم، شەبنەم، سەلكىن قاتارلىق ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېچىلىدىغان يىغىندا، ئىسپات بېرىشكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 20 - مارتتىن ئېتىبارەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تاقىۋېتىلگەن 32 ئىنتېرنېت تور بېكىتىنى ئېچىۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. لېكىن رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان 32 تور بېكىتى ئاساسلىقى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا قاراشلىق ئىدارە - ئورگانلارنىڭ تور بېكەتلىرى بولۇپ، ۋەتەن ئىچىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، دىيارىم، شەبنەم قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى تېخى ئېچىلمىغان. ھازىر ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرىگە نىسبەتەن، ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭمۇ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.