كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى بىر - بىرلەپ ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشمەكتە

17 - فېۋرال كۈنى كوسوۋا پارلامېنت ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ، كوسوۋا مۇستەقىللىقى خىتابنامىسىنى ماقۇللىدى ھەمدە شۇ كۈنى نەچچە ئون مىڭلىغان كوسوۋالىقلارنىڭ پارلامېنت مەيدانىغا توپلىنىپ، ياڭراتقان ئالقىش سادالىرى ۋە تەنتەنىلىرى ئىچىدە مۇستەقىللىق جاكارلىنىپ، مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوسوۋا باش مىنىستىرى ھاشىم تاچى مۇستەقىللىق خىتاپنامىسىنى ئېلان قىلىپ، 17 - فېۋرالدىن ئېتىبارەن كوسوۋانىڭ پەخىرلىك، مۇستەقىل ۋە ئەركىن دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى، كوسوۋانىڭ ئەمدى مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ھەم دېموكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. 18 - فېۋرال كۈنى، ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر رەسمىي ئېتىراپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.02.19
Kosova Musteqilliq kuni-305 ﻛﻮﺳﻮﯞﺍ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﻓﺎﺗﻤﯩﺰ ﺳﯧﺠﺪﻳﯘ، ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﻫﺎﺷﯩﻢ ﺗﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ، ﻛﻮﺳﻮﯞﺍﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺧﻪﻟﯩﻘﻘﻪ ﺳﯘﻧﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

 17 - فېۋرال كۈنى، ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر رەسمىي ئېتىراپ قىلدى. ئەمما، سېربىيە، رۇسىيە بۇنىڭغا قارشى چىققان. كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

كوسوۋا ئەركىن، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە دېموكراتىك دۆلەت

 17 - فېۋرال كۈنى كوسوۋا پارلامېنت ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ، كوسوۋا مۇستەقىللىقى خىتابنامىسىنى ماقۇللىدى ھەمدە شۇ كۈنى نەچچە ئون مىڭلىغان كوسوۋالىقلارنىڭ پارلامېنت مەيدانىغا توپلىنىپ، ياڭراتقان ئالقىش سادالىرى ۋە تەنتەنىلىرى ئىچىدە مۇستەقىللىق جاكارلىنىپ، مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوسوۋا باش مىنىستىرى ھاشىم تاچى مۇستەقىللىق خىتاپنامىسىنى ئېلان قىلىپ، 17 - فېۋرالدىن ئېتىبارەن كوسوۋانىڭ پەخىرلىك، مۇستەقىل ۋە ئەركىن دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى، كوسوۋانىڭ ئەمدى مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ھەم دېموكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

 خەۋەرلەردىن قارىغاندا، كوسوۋا ھۆكۈمىتى يەنە دۇنيادىكى 192 دۆلەتكە مەكتۇپ يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى ھەم قوللاشنى تەلەپ قىلغان.

قاينام تاشقىنلىق مەنزىرە

 ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا مۇستەقىللىق جاكارلانغان كۈنى كوسوۋالىقلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەڭ زور قاينام - تاشقىنلىق بىلەن تەنتەنە قىلىشقان بولۇپ، شەھەر مەركەزلىرى، كوچىلىرىدا توپ - توپ بولۇشقان ئالبانلار كوسوۋا دۆلەت ناخشىسىنى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ناخشا - سازلىرىنى ياڭرىتىپ، مۇستەقىللىق خۇشاللىقىنى ئىپادىلەشكەن. كىشىلەر كوسوۋانىڭ دۆلەت بايرىقى كۆتىرىشىپ، بىر - بىرىنى تەبرىكلەشكەن، مۇستەقىللىق تەن - تەنسى ئىككى كۈندىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تاملارغا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش مەزمۇنىدىكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى چاپلانغان. بىراق، 18 - فېۋرال كۈنى بېلگرادتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا سېرب مىللەتچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى بولۇپ ئۆتكەن.

خەلقئارالىق ئىنكاسلار

كوسوۋا مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن سېربىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان. سېربىيە پرېزىدېنتى سېربىيىنىڭ كوسوۋانى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، سېربىيە باش مىنىستىرى بولسا، كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى جاكارلىشىنى ئەيىبلەپ، بۇ بىر ساختا دۆلەت" دەپ ئاتىغان.

 رۇسىيە ئىتارتاس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، رۇسىيىنىڭ كوسوۋانى تونۇمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شۇنىڭدەك ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىن چاقىرىشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ھەمدە سېربىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا شۇنىڭدەك خېلسىنكى ھۆججىتىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ ئىككى پالاتاسىمۇ بۇ ھەقتە باياننامە ئېلان قىلىپ، قارشى تۇرغان.

 18 - فېۋرال كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلىپ، كوسوۋالىقلارنى تەبرىكلىگەن. ئافرىقىدىكى بەش دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تانزانىيىدە ۋاشىنگتوننىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ " ھازىر كوسوۋا خەلقى مۇستەقىل بولدى" دېگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش سۆزىدە، "بىزنىڭ مەيدانىمىز شۇكى ،بىرىنچىدىن كوسوۋانىڭ ئورنى مەسىلىسى بالقاننىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان ئەھۋال ئاستىدا ھەل قىلىنىشى لازىم. ئىككىنچىدىن ئامېرىكا ب د ت ئەلچىسى ئاستىخارىنىڭ كوسوۋا ھەققىدىكى لايىھىسىنى قوللايدۇ، ئۈچىنچىدىن كوسوۋا ھۆكۈمىتى ئوچۇق ھالدا سېربلەرنىڭ كوسوۋادىكى ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئىلھام ھېس قىلدى. ئامېرىكا ئىشىنىدۇكى، ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە سېربىيىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن تەرەپتە تۇرىدۇ، سېربىيىلىكلەر بىلىشى لازىمكى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدەك دوستى بار. ئاخىرىدا ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە زوراۋانلىق بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.

ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇلتان ئەخمەد ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى بۇ مەسىلە ھەققىدە رەسمىي مەيدانىنى ئىپادە قىلغان بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشىغا "قاتتىق كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقى" ھەم " چوڭقۇر بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقى" نى بىلدۈرۈپ، "بۇ بىر تەرەپنىڭ ھەرىكىتى" دېگەن ھەمدە مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ بىر قاتار ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكى" نى ئەسكەرتكەن. ئەمما، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بولسا، كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلىگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىن چاقىرغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، بىراق، ئىسپانىيە، سىپرۇس، گرېتسىيە ھەم رومانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قوشۇلمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇنى ئېتىراپ قىلغاندا، باشقا بۆلۈنۈشنى خالاۋاتقانلار ئۈچۈن خاتا سىگنال بېرىپ قويۇلىدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى 2000 دىن ئارتۇق ساقچى، ئەدلىيە ۋە باشقا ساھەگە مەنسۇپ خادىملارنى ئەۋەتىپ، مۇستەقىللىق جاكارلانغاندىن كېيىنكى تەرتىپنى ساقلاشقا ھەرىكەت قىلغان.

ئەنگلىيە، فرانسىيە بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بارلىق ئەزالارنى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە لاتۋىيە، ئېستونىيە، بولغارىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستانلارنىڭ مەيدانى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئەمما، لاتۋىيە، ئېستونىيە، بولغارىيە ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرى بولسا، كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قىسقىچە ئەھۋالى

كوسوۋا بالقان يېرىم ئارىلىدىكى سېربىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئالبانىيە،ماكېدونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن قوشنا، ئاھالىسى ئىككى مىليون بولۇپ، ئالبانلار 90% تىن ئارتۇق. يۇگوسلاۋىيە فېدېراتسىيىسى دەۋرىدە كوسوۋا سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئاپتونوم ئۆلكىسى بولۇپ، 1945 - يىلى يۇگوسلاۋىيە فېدېراتسىيىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان كوسوۋالىقلار ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىنى دەۋا قىلغان. تىتو ئۆلگەندىن كېيىن، كوسوۋالىقلارنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، 1989 - يىلى، سېربىيە رەھبىرى مىلوشوۋىچ ئۇلارنى باستۇرغان. لېكىن، ئۇلارنىڭ قارشىلىقى بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىغان بولۇپ، 1992 - يىلى كوسوۋا جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلىپ، سېربىيىدىن ئايرىم بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە مۇستەقىللىق ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قىلغان. 1996 - يىلى كوسوۋا ئازادلىق ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، سېربىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدىغان.

ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئۇرۇش دەھشەتلىك تۈس ئالغان بولۇپ، 1998 - يىلى ئامېرىكا باشلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئەسكەر كىرگۈزگەن ھەمدە 1999 - يىلى يۇگوسلاۋىيە قوشۇنلىرىنى بومباردىمان قىلغان. ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كوسوۋانىڭ تەقدىرى مەسىلىسى كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغان بولسىمۇ، بىراق، رۇسىيە ۋە سېربىيە بۇنىڭغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.