تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى پاكىستان خىتايغا قايتۇرغان 9 ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى راخمان مالىك، ئۆتكەن ھەپتە پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدىن، 9 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ خىتايغا قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن مەتبۇئاتلاردا بۇ 9 كىشىنىڭ تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.05.02
TIP-Bayanat-305 ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺕ، IntelCenter ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 2008 - ﻳﯩﻞ 23 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ.
AFP Photo

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى Youtube تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئۆز ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى ۋە ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ ھىچ بىر ئەزاسىنىڭ تۇتۇلمىغانلىقى ھەم خىتايغا قايتۇرۇلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر راخمان مالىك 9 نەپەر تۇتقۇننىڭ ئىسىملىكى قاتارلىق كىملىك ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىمىغان؛ پەقەت ئۇلارنىڭ، دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق تېرورلوق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى باياناتىدا، خىتاينىڭ ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى دۈشمەن ۋە تېررورچى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى، شۇڭا دۇنيانى بۇ خىل ساختا تەشۋىقاتقا ئىشەنمەسلىككە چاقىردى.

بىر قىسىم پاكىستان مەتبۇئاتى، مەزكۇر 9 تۇتقۇننى قەبىلىلەر رايونىدىكى تالىبان ۋە ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار بولغان ئۇيغۇر جەڭچىلەر دەپ يازغان ئىدى. تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى باياناتىدا، خىتاينىڭ يېقىندا پاكىستان قولى ئارقىلىق لاھور شەھىرىدىن ۋە باشقا جايدىن، شەخسىي تىجارەت قىلىۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقان بىر قانچە شەرقى تۈركىستانلىقنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، ئەگەر ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۆز ئەزالىرىنى خىتايغا تۇتۇپ بەرسە ئۇلارغا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستان 9 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ۋە پاكىستاننى ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باياناتىدا، قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى گۇرۇھقا مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ خەلقارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، چۈنكى خىتايدا، ئۆلۈم جازاسىنىڭ يولغا قويۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى باياناتىدا، خىتاي ۋە پاكىستان تارقاتقان ئۇچۇرلارغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ 9 نەپەر ئۇيغۇر، راستىنلا، بىر قوراللىق گۇرۇپپىغا تەۋە بولسا، ئۇلارنى ئەركىنلىك جەڭچىلىرى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

نۆۋەتتە بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، خىتاينىڭ ئاتالمىش 3 خىل كۈچلەرگە قارشى زەربە ھەرىكەتلىرى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق گۇرۇھىنىڭ، بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى پاناھلىنىش ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتا، ئورۇن تاللىماسلىققا مەجبۇرلاپ قويغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.