تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئۇيغۇر دىيارىغا بارماقچى

تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان "ساباھ" گېزىتىنىڭ 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى سانىدا، "دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خىتايغا بارىدۇ" ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.06.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
TRT-Awaz-qanaliri-Abdulla-Gul-305 ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺭﺍﺩﻳﻮ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻳﻪ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ `ﺗﺮﺕ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻗﺎﻧﯩﻠﻰ` 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﻴﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻳﯜﮔﻮﺳﻼﯞﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻛﺎﯞﻛﺎﺯﯨﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯘﻧﺌﻰ ﻫﻪﻣﺮﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻫ ﮔﯜﻝ ﻗﺎﻧﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ.
RFA Photo / Erkin Tarim

خەۋەردە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە كۆپ كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت بىلەن خىتايدا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق توختامنامىسىغا قول قويۇلىدىغانلىقى يېزىلغان.

خەۋەردە تۈركىيە رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ بېيجىڭدىن باشلاپ، شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقى يېزىلغان.  

"ساباھ" گېزىتىدە 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە يەنە، تۈركىيىنىڭ خىتايغا پىرسەنتلىك زايوم سېتىشنى ئويلاۋاتقانلىقى، شۇڭا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارماقچى بولغان بۇ زىيارىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇڭا ئابدۇللا گۈلنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىگە ئىقتىسادقا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ۋە تاشقى تىجارەتكە مەسئۇل ئالىي رەھبەرلەرمۇ قاتنىشىدىغانلىقى يېزىلغان.

بۇ، تۇنجى قېتىم بىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى بولىدۇ. ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سابىق رەئىس جۇمھۇرى تۇرغۇت ئۆزئال ۋە سۇلايمان دېمىرەللەر خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتايلار قوبۇل قىلمىغان ئىكەن.

بىز بۇ زىيارەت ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسى تۈركىيە ئادنان مەندەرەس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور سەلچۇق چولاقئوغلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.