مەلۇمكى، ئابلىكىم ئابدۇرېشىت باشقۇرغان بوكسچىلار بىر نەچچە قېتىم قازاقىستاندا بولۇپ، ئۇ يەردە ئۆتكەن جۇمھۇرىيەتلىك ۋە خەلقئارا دەرىجىدىكى بوكس مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى. ئۆز نۆۋىتىدە قازاقىستانلىق بوكس تېرىنېرلىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرغان. ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى تەنتەربىيە ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەشتە ۋە بولۇپمۇ ئۇيغۇر بوكسچىلىقىنىڭ راۋاجلىنىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئابلىكىم ئابدۇرېشىت قازاقىستانلىق بوكسچىلار ۋە بوكس ئىشقىۋازلىرىدىمۇ ياخشى تەسىرات قالدۇردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن تېرىنېرى، aiba نىڭ خەلقئارا دەرىجىلىك سودىيىسى، قازاقىستان بوكس ئاساسچىلىرىدىن بىرى سېرك ئابدىنالىيېف ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن تېرىنېرى خەمىت بەرايېف مەرھۇم ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.