نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئېچىلغۇسى قۇرۇلتاي ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىردى

شەنبە كۈنى كەچتە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەيئەت ئەزالىرى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، بۇ يىل مايدا چاقىرىلماقچى بولغان د ئۇ ق نىڭ 4-قېتىملىق يىغىنى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپ
2012.02.07
norwegiye-uyghur-qurultay-uchun-yighin-305.jpg نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى چاقىرغان ئېچىلغۇسى قۇرۇلتاي ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى فېۋرال.
RFA/Aygul Yusup

يىغىندا ئالدى بىلەن تەشكىلات باشلىقى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا د ئۇ ق نىڭ 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى چاقىرىش ھەققىدىكى باياننامىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئاندىن كېيىن قۇرۇلتايغا قاتنىشىشنىڭ شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىنغا قاتنىشىشقا سالاھىيىتى توشىدىغان نامزاتلارنىڭ ئىسمىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە باشقىلارنىڭ بۇلارغا قارىتا بەرگەن تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

norwegiye-uyghur-qurultay-uchun-yighin-385.jpg
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى چاقىرغان ئېچىلغۇسى قۇرۇلتاي ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى فېۋرال.
RFA/Aygul yusup

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نورۋېگىيىدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى 5-ئايدا چاقىرىلماقچى بولغان 4-قېتىملىق قۇرۇلتايغا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن بارىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانى، سالاھىيىتى، يىغىنغا كېتىدىغان ئومۇمى چىقىم ۋە ھەر قايسى يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ يىغىنغا تاپشۇرۇشى كېرەك بولغان پۇلنىڭ مىقدارى ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى. سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ سۆزىدىن كېيىن يىغىن قاتناشچىلىرى ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان تەدبىرلەر ھەققىدە مۇنازىرىلىشىپ بۇ ھەقتىكى ئۆزلىرىنىڭ مۇۋاپىق تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنى ئۈچۈن مەخسۇس چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى سەپەرۋەرلىك يىغىندا يىغىن ئەھلىنىڭ بىر قاتار مۇھىم بولغان پىكىر-قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشقا،يىغىنغا قاتنىشالمىغان، تەشكىلاتنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە تۇرۇشلۇق رەھبەرلىرىگىمۇ تېلېفون قىلىنىپ، ئۇلارغا مەزكۇر يىغىننىڭ مەزمۇنى نەق مەيداندا يەتكۈزۈلگەن ۋە ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىگىمۇ ئالاھىدە يەر بېرىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.