0:00 / 0:00
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەر گۇرۇپپىلار بويىچە ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسى نىشانى، ياشلار ھەرىكىتىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ مىللىي دەۋايىمىزنىڭ كېلەچىكىدىكى رولى، ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى ئىسلام ئەللىرى، رۇسىيە ۋە ياپونىيىدە كۈچەيتىش تەسەۋۋۇرلىرى، چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، ئىسلام دىنىنىڭ مىللىي دەۋايىمىزدىكى رولى قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

ۋەكىللەر ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يۇقىرىدىكى تېمىلار ھەققىدە تەييارلىغان ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئالىي كېڭەشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ تېمىلار ھەققىدە بىر قىسىم ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلەشتى.