ئالماتادا غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىقى خاتىرىلەندى

6-فېۋرال كۈنى ئالماتا شەھىرى كافىيخانىلىرىنىڭ بىرىدە غۇلجا 5-فېۋرال ياشلار نامايىشىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر يىغىندا غۇلجا ۋەقەسى قۇربانلىرىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئۆز دوكلاتىدا ئالدى بىلەن قازاقىستاندىكى ۋەزىيەت، يەنى يېقىندا بولۇپ ئۆتكەن پارلامېنت ھەم مەجلىس سايلىمى، ئۇنىڭ نەتىجىلىرى، سايلامدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرى، شۇنداقلا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ قازاقىستان خەلقىگە يوللىغان مەكتۇپى ھەققىدە توختالدى.

قەھرىمان ئىلى تەۋەسىدە ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئەۋج ئالغان ئىلى مەشرىپىنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخى ھەم ئۇنىڭ مەقسەت-ۋەزىپىلىرى، ئىلى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەش يولى ھەم 1997-يىلقى غۇلجا ۋەقەسىدىكى تۇتقان ئورنى، ياشلار قوزغىلىشىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلۇشى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى پائالىيەتلىرىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى دىققىتىگە تەقدىم قىلدى. يىغىن داۋامىدا ياپونىيىدە بولىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋەكىللەر سايلاندى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تالغىر ناھىيىسىنىڭ تۇرغۇنى شاۋكەت قاھاروف مەزكۇر يىغىندىن ئالغان تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.