كلىنتون خانىم خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا چاقىردى

كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيە دىئالوگى يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى جىددىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇشىغا چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىنىڭ تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.05.03
us-xitay-iqtisad-yighin-chen-guangcheng-305.jpg كلىنتون خانىم خىتاي دۆلەت مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتتە. 2012-يىلى 3-ماي، بېيجىڭ.
AFP

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيە دىئالوگى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى. مەزكۇر دىئالوگ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قېچىپ كىرىۋېلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دىپلوماتىك بىسەرەمجانلىق پەيدا قىلغان دېلىغۇل بىر ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم، پەيشەنبە كۈنى باشلانغان ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيە دىئالوگى يىغىنىدا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، خىتاينىڭ چوقۇم كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىگە ئارىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىغا قاراتقان تەنقىدىنى رەت قىلغان.

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا-خىتاي دىئالوگى چېن گۇاڭچېڭ مەسىلىسىنىڭ كۆلەڭگىسىدە قالغان ئىدى.

ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە يېقىندىن قىزىقىدىغان تەرەپلەرنىڭ دىئالوگدا كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇش توغرىسىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. كلىنتون خانىم، يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ «بارلىق ھۆكۈمەتلەر ئۆز خەلقىنىڭ ئىززەت - ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇش ئارزۇسىغا جاۋاب بېرىشى، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشى ۋە ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇ ھوقۇقنى رەت قىلماسلىقى كېرەك» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كلىنتون خانىم بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن سەل بۇرۇن چېن گۇاڭچېڭ ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، خىتايدا قالسا ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بەزى خىتاي ئۆكتىچى زاتلار چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسى ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيە دىئالوگىدا كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا مۇزاكىرە قىلىشىغا ياخشى پۇرسەت ياراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق، ئامېرىكا بروۋېن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋاتسون خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ زىيارەتچى ئىلمىي خادىمى شۇ ۋېنلىغا ئوخشاش بەزى تەتقىقاتچىلار، بۇ ۋەقەنىڭ ئامېرىكا-خىتاي دىئالوگىغا مەلۇم تەسىرى بولسىمۇ، بىراق چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

شۇ ۋېنلى : چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسى تېخىمۇ تولۇق ھەل بولمىدى. ئۇنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىزنىڭ تور بېكەتلىرىدىن كۆرگەن خەۋەرلىرىمىزدىن بۇ ئىشنىڭ قانداق قارار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. شۇڭا ئۇنىڭغا ھازىرغىچە بىر نېمە دېمەك بالدۇرلۇق قىلىدۇ. بىراق يەر شارى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا دۇنيادا ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدەك مۇھىم مۇناسىۋەت يوق. مەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوغا ياخشى ئۈلگە يارىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىلا ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش، دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىراق بۇ ۋەقەنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقى مەسىلىسىدە، مېنىڭچە بۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇنازىرە قىلىدىغان ئىقتىسادىي ۋە دۇنياۋى خاراكتېرلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بار، دەپ كۆرسەتتى.

شەندۇڭلۇق مەزكۇر ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى 26‏- ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا قېچىپ كىرىۋالغان. ئامېرىكا-خىتاي سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، چارشەنبە كۈنى مەزكۇر مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. كېلىشىمگە ئاساسەن چېن گۇاڭچېڭ ئامېرىكىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەشتىن ۋاز كېچىدىغان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى، ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشى، شەندۇڭدىن باشقا جايدا ئولتۇراقلىشىشى قاتارلىق بەزى ئارزۇلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ماقۇل بولغان. تەرەپلەر ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن ئۇ چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى بىر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ ياتقۇزۇلغان ئىدى.

بىراق، چېن گۇاڭچېڭنىڭ پەيشەنبە كۈنى تۇيۇقسىز پىكرىنى ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىشى، كىشىلەردە تەرەپلەرنىڭ تۈنۈگۈن ھاسىل قىلغان كېلىشىمىگە نىسبەتەن گۇمان قوزغىغان. كلىنتون خانىم تۈنۈگۈن چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىنىڭ كېلىشىم بىلەن ھەل قىلىنغانلىقىنى ماختاپ، ئۇنىڭ تەقدىرىگە داۋاملىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

چېن گۇاڭچېڭ بۈگۈن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە تېلېفون ئارقىلىق بەرگەن باياناتىدا پىكرىنى ئۆزگەرتىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ خاتىرجەملىك ھېس قىلمايۋاتقانلىقى، ھەق-ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە جۇڭگودا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نۆۋەتتىكى مەسىلە چېن گۇاڭچېڭنىڭ پىكىر ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكىدىن پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىدۇر. ئامېرىكا تەرەپ چېن گۇاڭچېڭنىڭ پىكىر ئۆزگەرتىپ، چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارك تونېر بۈگۈن مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ، چېن گۇاڭچېڭنىڭ نېمىشقا پىكرىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ئۆزلىرىگە ئايدىڭ ئەمەسلىكى، بىراق ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىساد-ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى دىئالوگىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، مۇخبىرلارنىڭ چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسى ئامېرىكا-خىتاي دىئالوگى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىران، شىمالىي كورىيە قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ : بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز پەۋقۇلئاددە كەڭ دائىرىلىك ۋە پەۋقۇلئاددە مۇرەككەپ. پرېزىدېنت ۋە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى دائىم بۇ مۇناسىۋەتنىڭ مەيلى ئىران مەسىلىسىدە بولسۇن ياكى باشقا مۇھىم خەلقئارا مەسىلىلەردە بولسۇن، قانچىلىك مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى. بىز دىئالوگنى داۋاملىق ئالغا سۈرىمىز. شۇنداقلا بىز يەنە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىمىز. بۈگۈن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. شۇڭا بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇ خىل مۇناسىۋىتىمىز بىزنىڭ كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەردە ئۇنىڭ بىلەن ئىجابىي ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشىمىز شۇنداقلا بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە دوستانە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشىمىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

بىراق ئۇ يەنە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە چېن گۇاڭچېڭ مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي دىئالوگىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ھازىر بىر دېمەك مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىدە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى تەنقىد قىلغان ۋە جۇڭگودىن كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىراق ئامېرىكا خىتايدىن كەچۈرۈپ سوراشنى رەت قىلغان.

ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە دىئالوگىنىڭ ئېچىلىشىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ سۆز قىلىپ،«ئىككى دۆلەت بىر-بىر بىرىگە قانداق ھۆرمەت قىلىشنى بىلىشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن. ئۇ : بىزنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەت ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقاندا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر بىر مەسىلىدە بىر پىكىرگە كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. بىز ئارىمىزدىكى پەرقنى كۆپ تەرەپلىمىلىك چۈشىنىشنى ئالغا سۈرۈش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشىمىز. بىراق ئارىمىزدىكى پەرق جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى چوڭ مەسىلىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقى كېرەك، دېگەن.

ئامېرىكا بروۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى شۇ ۋېنلى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ قانچىلىك ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى نامايان قىلغان.

ئۇ، چەتئەلنىڭ بېسىمى مەلۇم رول ئوينىسىمۇ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يەنىلا خىتاي خەلقىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: جۇڭگونىڭ دېموكراتىيىلىشىشى تەرەققىياتىدا غەرب دۆلەتلىرى مەلۇم دەرىجىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىسىمۇ، بىراق ئاخىرىدا يەنىلا جۇڭگونىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى خەلق ئاممىسىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى دۆلەتنىڭ دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىنىشى شۇ دۆلەت خەلقىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا چەتئەلنىڭ بېسىمىدىن كۆپرەك چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىنىڭ ئۆزى جۇڭگونىڭ دېموكراتىيە تەرەققىياتىدا زور رول ئوينىشى مۇمكىن. بىزنىڭ چېن گۇاڭچېڭ ئامېرىكىغا بارامدۇ‏-بارمامدۇ، دېگەن مەسىلىسىگە باھا بېرىشىمىزنى ھاجىتى يوق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.