ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: 'ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنى جان تىكىپ قوغدايلى'

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مائارىپىدا قوش تىللىق مائارىپنى بار كۈچى بىلەن ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان، خىتاينىڭ "بارلىق ساھەدە مەملىكەتتە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان تىلنى يەنى خىتاي تىلىنى ئاساس قىلىش" دېگەن سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىش دائىرىسى ھەر تەرەپتىن چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010.10.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Urumqi-xitay-piqaq-esker-qatil-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 14 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ، ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺗﯩﻐﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﻮﺳﺘﺘﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

مانا مۇشۇنداق ئۇيغۇر ئانا تىلى خىرىسقا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ جىددىي رىئاللىقىنى تونۇش ۋە ئۇيغۇرلار ئۆزىنى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىن ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن ئاۋال تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر داۋام قىلماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشىغا دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە، ئامېرىكىدىكى ئالىم ئەركىن سىدىق ئەپەندى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىدىن قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى، كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى ئەپەندىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى سىلەرگە سۇندۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبەتلىرىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.